قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

داخەيداۋ

2018-05-16 17:44:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

داخەيداۋ قۇمۇل شەھەرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 200 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەرگە ئادەم قەدەم بېسىپ باقمىغان بولغاچقا، ئوپېراتورلار ۋە ئېكىسپىدىتسىيەچىلەرنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان جايى بولۇپ قالغان. داخەيداۋ تۇرپان-قۇمۇل ئويمانلىقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان چۆللۈكگە جايلاشقان بولۇپ، تىپىك چوڭ قۇرۇقلۇق كېلىماتىغا تەۋە. داخەيداۋ قۇملۇق بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى يەنە قۇم دېڭىزى دەپمۇ ئاتايدۇ. بۇ يەرگە قەدىمىي قەلئە، تۇر، ئۆتەڭ، تارىختىكى كىشىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى، تاشقاتما تېغى، سەرراپ، قۇملۇق ياۋا تۆگە توپى، ھەمدە نۇرغۇن ئاز ئۇچرايدىغان جۇغراپىيەلىك يەر شەكىللىرى توپلاشقان. ئۇ قەدىمكى دۇنخۇاڭ-تۇرپان ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ يېقىن يول. بۇ يولنىڭ ئېچىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلانغان بولۇپ، تاڭ سۇلالىسىدىن كېيىن تاشلىنىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن داخەيداۋ كىشىلەرنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ، تارىخىي ئەسلىمىلەر ئىچىدىكى قەدىمىي يىپەك يولى بولۇپ قالغان. يىپەك يولى قەدىمدە جۇڭگو بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنى تۇتاشتۇرىدىغان يول بولۇپ، ئۇ ئىنسانلار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخىدا غايەت زور رول ئوينىغان ۋە ئىزچىل ئىلىم- پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلدى. ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، يىپەك يولىنىڭ نۇرغۇن بۆلەكلىرىنىڭ سىرى ئېچىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، پەقەت داخەيداۋنىڭ كونكرېت يول لىنىيەسى يەنىلا تارىخنىڭ چاڭ-توزانلىرى ئىچىدە قىلىۋەردى.

دۇنخۇاڭدىن تۇرپانغىچە جەمئىي 500 نەچچە كلومېتىر يول بولۇپ، يىپەك يولىدىكى ئەڭ باي رومانتىك تۈسكە ئىگە بىر بۆلەك دەل داخەيداۋدۇر. ئۇ يىپەك يولى ئىچىدىكى كىشىلەرگە ئەڭ تونۇشلۇق بولمىغان ۋە ئەڭ خەتەرلىك قەدىمىي يولدۇر. داخەيداۋ قەدىمدە دۇنخۇاڭ بىلەن تۇرپاننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئەڭ چەتتىكى بىر يول ئىدى. بۇ يول خەن سۇلالىسىدە ئېچىلغان بولۇپ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن ئاستا -ئاستا تاشلىنىپ قالغان. لېكىن ئۇنىڭ شەرق بىلەن غەربنىڭ ئالاقە تارىخىدىكى غايەت زور رولى ئىزچىل كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. نەچچە مىل يىلدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ نەزىرى يەنىلا بۇ يەرگە ئاغدى. تۇرپان رايونىدىكى دىكار كەنتىدىن گەنسۇنىڭ قاشقوۋۇققىچە تۈز سىزىق ئارىلىقى 456 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ يول شەرق جەنۇب يۆلىنىشىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدە يىپەك يولىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى مۇھىم تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى تۇرپان ۋە دۇنخۇاڭ بار.

تۇرپاندىن يولغا چىقىپ داخەيداۋنى كېسىپ ئۆتۈپ دۇنخۇاڭغا يېتىپ بارغۇچە مىللىي ئۆرپ- ئادەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ۋە ئوخشىمىغان گۈزەل مەنزىرىلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلىسىز. داخەيداۋنى كېسىپ ئۆتكىچە سىزگە ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولىدىغىنى ئادەمسىز رايون، ھازىرقى شارائىتتا داخەيداۋ ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇق ئەمەس بولۇپ، يول بويىدىكى ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرە ،ئېكولوگىيىلىك مۇھىت، پات- پات پەيدا بولۇپ قالىدىغان ياۋايى ھايۋانلار كىشىلەرنىڭ زوقىنى قوزغايدۇ. داخەيداۋدا مېڭىپ بولسىڭىز يىپەك يولى قالدۇرغان چەكسىز گۈزەللىكنى ھېس قىلىسىز.

بىپايان چۆل- باياۋاننىڭ ئىچكىرىسىدە قۇم- بوراننىڭ يالىشىدىن شەكىللەنگەن ھەر خىل يەر شەكلى كۆزگە چېلىقىدۇ، مەسىلەن، دېڭىزدىكى ئەۋلىيا ئارىلى، ئىزىتقۇ ئەينەك قاتارلىقلار. ناھايىتىمۇ ھەيۋەتلىك ئوردىدەك چوڭ مەخلۇقاتلار كۆز ئالدىڭىزدا پەيدا بولۇپ، سىزگە ئاجايىپ گۈزەل بىر تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تۇتاش كەتكەن قەدىمىي شەھەر سېپىللىرى گويا قەدىمىي ھېكايىلەرنى بايان قىلىپ بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ.

داخەيداۋدىن چىقىدىغان ئوپال چۆل بورانلىرىنىڭ چىرىتقان قالدۇق يانباغىر دۆۋىلەنمىسىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، سىلىتسىي كىسلاتا ئانگىدرىدىنىڭ توپلىشىشىدىن ھاسىل بولغان. بو ئوتتۇراھال دەرىجىلىك قاشتېشى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، قاتتىق ھەم سىلىق، ئاپئاق، شەكلى كۆپىنچە يومىلاق بولىدۇ، خۇددى قاشتېشىدەك كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدۇ. تاشنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى يېرىق يېرى ۋە ئويمانلىرىدا كۈلرەڭ، سۇس قوڭۇر ياكى قارا قوڭۇر رەڭلىك سىزىقلار بار بولۇپ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى «قەدىمقى قاشتېشى» دەپ ئاتىغان. داخەيداۋدىكى ئوپالنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى، سۈپىتى ياخشى بولۇپ، خۇددى ئاق رەڭلىك قاشتاشقا ئوخشايدۇ.

شىنجاڭ ئوپالنىڭ بىردىنبىر ماكانى، ئۇ چۆل- باياۋانلارنىڭ ئىچكىرسىدە بولۇپ، مۇقىم شەكلى يوق، يېرىم سۈزۈك ۋە ئازراق سۈزۈك، مەرۋايىتتەك ۋە ئاقسىلدەك پارقىرايدۇ. ئۇنىڭ مايلىق دەرىجىسى يۇقىرى، زىچلىقى يۇقىرى، ناھايىتى پاقىراق بولۇپ، خوتەننىڭ ئاق قاشتېشىغا ئوخشايدۇ. مەيلى كەچكى قۇياش ئاستىدىكى چۆللۈك بولسۇن ياكى لاي پۇرىقى ئارىلىشىپ كەتكەن سەھەردە بولسۇن، بۇ يەرگە كەلسىڭىزلا باشقا بىر دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك بولىسىز، بۇ يەردە ئادەم يوق، ماشىنىلارنىڭ سىگنال ئاۋازى يوق ۋە ھىچققانداق غەم ئەندىشە يوق بولۇپ، بۇ يەردە سىز تەبىئەت بىلەن بولغان ئەسلىمىڭىزنى ساقلايسىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى