قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 كارىز ساياھەت باغچىسى

2018-05-16 17:50:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تۇرپان كارىز ساياھەت باغچىسى - شىنجاڭ تۇرپان شەھىرىگە جايلاشقان، ئورنى دۆلەت يولى 312- لىنىيەسىنىڭ جەنۇبىدىن ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئۇ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى يىمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ، ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش ۋە مال سېتىۋېلىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان ساياھەت ئورنىدۇر. كارىز- سەددىچىن سېپىلى ۋە بۈيۈك قانال بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان قەدىمكى ئۈچ چوڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ، ئۇ ھەم تۇرپاننىڭ ئانا دەرياسى، ھەم ئوت يۇرتىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسىدۇر. كارىز ئەسلىدە يەر ئاستى سۇ يولى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، ئۇ قەدىمكى تۇرپان خەلقىنىڭ ئەمگىكى ۋە ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرىدۇر. ئۇ تىك قۇدۇق، يېپىق ئۆستەڭ، ئوچۇق ئېرىق، كۆلچەكتىن ئىبارەت تۆت قىسىمدىن تەركىب تاپقان، ئويمانلىقنىڭ چېتىدىكى ئېگىزلىكتىن پەسلىككە قاراپ تىك قۇدۇقلار قېزىلىدۇ، ئاندىن تىك قۇدۇقلار بىر- بىرلەپ يەر ئاستىدىن تۇتاشتۇرۇلۇپ، سۇ يەر ئاستىدىن يەر يۈزىگە چىقىرىلىدۇ.

تۇرپاندىكى نەچچە مىڭلىغان كارىز ئىچىدە مېيىم كارىزىنىڭ نامى ئەڭ مەشھۇر بولۇپ، بۇ كارىزنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5 كىلومېتىر، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 80 مېتىر، كۈندىلىك سۇغىرىش كۆلىمى 70 مو كېلىدۇ، 200 يىللىق تارىخقا ئىگە مېيىم كارىزى تۇرپان كارىزلىرى ئىچىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە كارىز ھېسابلىنىدۇ. تۇرپاندىكى كارىزلارنىڭ سانى مىڭغا يېقىن بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 5 مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ.

كارىز سۈيى تەڭرىتېغىنىڭ ئېرىگەن قار سۈيىنىڭ يەر ئاستىغا سىڭىشىدىن ھاسىل بولغان بۇلغانمىغان تەبىئىي سۇ بولۇپ، تەركىبىدە مول مىنېرال ماددىلار بار، دائىم ئىچىپ بەرسە ئادەمنى گۈزەللەشتۈرۈپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ. كارىز يەر ئاستىدىن قېزىلغان بولغاچقا، ئاسان پارغا ئايلىنىپ كەتمەيدۇ ھەم بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە سۈيى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، كارىز سۈيى سۈزۈكلۈكىدىن تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، تەمى تاتلىق ۋە ئىچىشلىك.

تۇرپان كارىز ساياھەت باغچىسى 1993- يىلى 5- ئاينىڭ 16- كۈنى رەسمىي ھالدا مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى يەتتە مو كېلىدۇ، كارىز ساياھەت باغچىسى ئىچىدىكى ئېقىن سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان، دەرەخلەر كۆككە تاقاشقان مەنزىرىلەر كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ. بۇ يەردە ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۈزۈم كارىدورى، تەكشى كەتكەن چىملىق، ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولغان كارىز تەتقىقات مەركىزى كۆرگەزمە زالى، مېھمانخانا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپ، غايىۋى دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى