قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خىزمەت ئورنىدا ئۈن- تىنسىز كۆرەش قىلىپ، يولنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان  گاۋ شىنفېڭ

2018-05-16 13:03:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:
  گاۋ شىنفېڭ ئۈرۈمچى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى داۋانچىڭ شۆبە ئىدارىسىنىڭ تاشيول ئاسراش ئىشچىسى. 32 يىلدىن بۇيان، ئۇ خىزمەت ئورنىدا ئۈن- تىنسىز كۆرەش قىلىپ، يولنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.
  ئۈرۈمچى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارسى داۋانچىڭ شۆبە ئىدارىسى ئاسرايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ۋە ئادەتتىكى تاشيول مۇساپىسى 195 كىلومېتىر كېلىدۇ. گاۋ شىنفېڭ 1986- يىلى يول ئاسراش ئىشچىسى بولغاندىن ھازىرغىچە ئەڭ ياخشى مەزگىلىنى تاشيولدا ئۆتكۈزدى. گاۋ شىنفېڭ مۇنداق دېدى:- بىز يول ئاسراش ئىشچىلىرى يىلبويى سىرتتا يۈرۈپ، ئائىلىمىزدىن خەۋەر ئالالمايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئەخلەتلەرنى تازىلاپ، يول يۈزىنى رېمونت قىلىدىغان بولغاچقا، خىزمىتىمىز سەل خەتەرلىك ھىسابلىنىدۇ.
  بۇلتۇر 5- ئاينىڭ بىر كۈنىدە، گاۋ شنفېڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن دۆلەت يولى 30- لىنىيەسىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يول يۈزىنى رېمونت قىلىۋاتقاندا، بىر ماي توشۇش ئاپتوموبىلى خىزمەت رايونىغا كىرىپ قالىدۇ. شوپۇر كۈچەپ تورمۇز دەسسىگەن بولسىمۇ، ماي توشۇش ئاپتوموبىلىنى توختىتالمايدۇ. گاۋ شىنفېڭ دەرھال يول ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىش بەلبېغىدىن سەكرەپ ئۆتۈۋالغاچقا، بالا-قازادىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى:- راستىنى ئېيتقاندا، يول ئاسراش خىزمىتى ئىنتايىن جاپالىق ھەم خەتەرلىك. لېكىن، بۇ كەسپنى ئىشلەش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئاستا-ئاستا ئۇنى ياقتۇرۇپ قالدىم.
  بىر يىل ئىچىدە، يول ئاسراش ئىشچىلىرى 30 نەچچە تۈرلۈك خىزمەتنى قىلىدۇ. ياز كۈنلىرى يول يۈزى تېمپىراتۇرىسى 50 سېلسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ. بۇ چاغدا گاۋ شىنفېڭ ۋە خىزمەتداشلىرى ئېرىگەن ئاسفالىت ئەكېلىپ، كىيىمگە ياماق سالغاندەك، بۇزۇلغان يول يۈزىنى رېمونت قىلىدۇ. ئاسفالىت ياتقۇزىدىغان ئاپتوموبىلنىڭ يېنىدىكى تېمپىراتۇرا 70 سېلسىيە گرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ. قىش پەسلىدە قار تازىلاپ قاتناشقا كاپالەتلىك قىلغان كۈنلەردە بولسا، سوغۇق ئادەمنىڭ جېنىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ يىل 1- ئاينىڭ 27- كۈنى دۆلەت يولى 314- لىنىيەسىدە شىۋىرغان چىققاندا، گاۋ شىنفېڭ شۇ كۈنى سائەت 18 دىن باشلاپ خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىپ، 24 سائەت توختىماي ئىشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:- يازدا ئىشلىگەندە ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ. بېشىمىز قېيىپ كەتسە ئاپتوموبىلنىڭ سايىسىدە بىردەم ئارام ئېلىۋېلىپ، ماغدۇرىمىز ئەسلىگە كەلگەندە داۋاملىق ئىشلەيمىز. قىشتا بوراندا تىك تۇرغىلىمۇ بولماي قالىدۇ. بەك توڭلاپ كەتكەندە ئاپتوموبىلدا ئازراق ئىسسىنىۋالىمىز.
  ئۈرۈمچى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارسى داۋانچىڭ شۆبە ئىدارىسىنىڭ ئىلگىرى ئىستاتېستىكا قىلىشىچە، بىر يىلدا گاۋ شىنفېڭ ۋە خىزمەتداشلىرى يولدىن تېرىپ ئېلىۋەتكەن كۆمۈر پارچىسى، تاش، ياغاچ قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ئېغىرلىقى 50 توننا ئەتراپىدا بولىدىكەن. گاۋ شىنفېڭ ئۈندىداردىكى شەخسىي ئىمزاسىغا «مەن ئۆمرۈمنى تاشيول ئىشلىرىغا تەقدىم قىلىمەن» دەپ يازغان. ئۇ مۇنداق دېدى:- يولنى ياخشى ئاسراش يول ئاسراش ئىشچىلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى، بولمىسا ئۇچىمىزدىكى خىزمەت فورمىسىغا يۈز كېلەلمەيمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ» دېدى. مەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق كۆپچىلىككە بىخەتەر سەپەر مۇھىتى يارىتىپ بېرىمەن. بۇنىڭدىن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمەن، جاپا چەكسەممۇ ئەرزىيدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى