قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگو ساياھەت كۈنىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت تارماقلىرى، ھەر قايسى مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرى ۋە ساياھەت كارخانىلىرى 150 نەچچە تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرىنى يولغا قويىدۇ

2018-05-16 13:44:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  ئىستانسىمىز خەۋىرى:
5-ئاينىڭ 19- كۈنى جۇڭگو ساياھەت كۈنى. بۇ كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت تارماقلىرى، ھەر قايسى مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرى ۋە ساياھەت كارخانىلىرى 150 نەچچە تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرىنى يولغا قويىدۇ. شۇ كۈنى ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىغا كىرسە كىرىش بېلىتى ھەقسىز ياكى يېرىم باھادىن بەھرىمەن بولۇپ، ئېسىل نومۇرلارنى كۆرۈپ، مول مەزمۇنلۇق ساياھەت لىنىيە بۇيۇملىرىنى چۈشىنەلەيدۇ.
  بۇ يىللىق «19- ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى» پائالىيىتىدە «پۈتۈن رايون ساياھىتى، گۈزەل تۇرمۇش» ئاساسىي تېما قىلىنىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى، ئىلى ئوبلاستىدىكى نارات، قاراجولدىن ئىبارەت ئىككى 5 ئا دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ۋە 16 4 ئا دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنىڭ بېلىتى ھەقسىز بولىدۇ. دۆلەتلىك 5 ئا دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى، كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىنىڭ بېلىتى يېرىم باھادا سېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىلى قازانچى، چاچى، تارىم مەنزىرە رايونى قاتارلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى نامرات ئائىلىلەر، مېيىپلارغا قارىتا كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىشتەك ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ، مېيىپلارغا ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدۇ. شەيتانكەرىش مەنزىرە رايونى، ئاراتۈرۈك ناھىيەسىدىكى توغراقلىق قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە قاتناشقان ساياھەتچىلەرگە قارىتا كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.
  «19- ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى»نىڭ ئالدى- كەينىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىدە 90 نەچچە خىل باش تېما پائالىيەتلىرى، 140 خىلغا يېقىن تارماق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى