قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەپەككۇر ئۇنچىلىرى...

2018-05-16 17:19:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھايات ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن ھامان قەلبىمىزنى ئۆزىگە رام قىلىدۇ، رىشىتمىزنى ئۆزىگە مەھكەم باغلايدۇ. شۇڭلاشقا ھاياتتا بىر كۈن بولسىمۇ ئارتۇق ياشاش ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغانلار ھامان كۆپتۇر. تېخىمۇ ياخشى ياشايمەن، ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ نادىر ئەسلىمىلەرنىڭ شاھىدى بولىمەن دەيدىكەنمىز، ئىلكىمىزدىكى بايلىقلىرىمىزدىن ئوبدان پايدىلىنىشنى بىلىشىمىز ھەممىدىن مۇھىم.
ھاياتلىقنىڭ ئۆزى مىننەتدارلىق ئالىمىدۇر. چۈنكى، مىننەتدارلىق ئىنسان ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان روھىي ھالەت. ئىنسان ھاياتىدا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە ئەرزىيدىغان ئادەم ۋە ئىشلار بەك كۆپ، شۇنداق بولغانلىقتىن قەلبىمىز ھەمىشە مىننەتدارلىقتىن ئىللىپ تۇرىدۇ. شۇڭا مەيلى قەيەرگە بارايلى، مىننەتدارلىق بىز بىلەن بىللە بولسۇن، غەمخورلۇققا ئېرىشكەن ۋاقتىمىزدا بىزدە مىننەتدارلىق بولسۇن. ئەگەر كىشىلەردە تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىق بولسا، مەننەتدارلىق مەنالىرى چاقناپ، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ گۈزەللىشىپ، جەمئىيىتىمىز تېخىمۇ ئىناق بولۇپ كېتىدۇ.
ئىنسان ھاياتىدا تۈرلۈك تۈمەن ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ. مانا مۇشۇ  ئوڭۇشسىزلىقلار ئالدىدا ھەممىدىن ۋاز كېچىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. ۋاز كېچىش ئادەمنى تېخىمۇ چوڭ ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچار قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىز ئويلىغاندەك مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشماسلىقى مۈمكىن. شۇڭا دوستلارغا دەيدىغىنىمىز بارلىقىمىزنى يوقاتساقمۇ مەيلى، ئەمما ئۈمىدنى يوقاتماسلىقىمىز كېرەك.
كەڭ قۇرساقلىق بىر خىل گۈزەللىك، ئۇ بىر خىل زىننەت. قولىڭىزدىن كەلسە باشقىلارغا شۇنچىلىك قىلىڭكى باشقىلار سىزگە قىلغىنى ئۈچۈن خىجىللىق ھىس قىلىدىغان بولسۇن ! ھەر بىر ئادەمنىڭ بىر سىنىلىدىغان ۋاقتى بولىدۇ، مەيلى ئۇ دوستىڭىز بولسۇن ياكى يېقىنىڭىز بولسۇن بىر سەۋەبلەر بىلەن سىنىلىدۇ ! دوست تۇتۇڭ! ئېسىلدىن تۇتۇڭ... ھاياتلىقتا خۇشال ياشاشنىڭ سىرى بەك ئاددى، ئۇ بولسىمۇ سىزنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر بىلەن يېقىنلىشىپ، سىزنى ئازاپلىغان كىشىلەردىن دەرھال يىراقلىشىش... ‏بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىدىغىنى ئۇنىڭ مېلى ياكى بىلىمى ۋە ياكى ئابرويى ئەمەس، بەلكى ئادىمىيلىكى ھەم مۇھەبىبىتى ...
كىشىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەرنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى نامايەن قىلىشىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملىك ئۇسۇلى ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. تەرەققىي قىلمىغانلىق بىر ئىزىدا توختاپ قالغانلىق بولىدۇ. بىر ئىزىدا توختاپ قالغانلىق ئارقىغا چېكىنگەنلىك بولىدۇ. شۇڭا بىز ھەر دائىم بىلىمىمىزنى يېڭىلاپ، ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىنتىلەيلى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى