قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھاياتنى قەدىرلەڭ

2018-05-16 17:20:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھايات- ئىنسان ئۈچۈن «كەتسە كەلمەس» قىممەتلىك بايلىق، غەنىيمەت پۇرسەت، ئۇنى مەنىسىز، تۇترۇقسىز ئىشلارغا سەرىپ قىلىۋېتىش ياكى ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ نۇرلاندۇرۇش ھەر كىمنىڭ ئۆزىگىلا باغلىق.
ۋاقىت ھاياتنىڭ ئىنسانغا بەرگەن ئەڭ بۈيۈك سوۋغىسى. ھايات بىزگە ئەنە شۇنداق قىممەتلىك سوۋغىنى بەرگەنىكەن، ئاشۇ قىسقىغىنە قىممەتلىك ھاياتىمىزدا بىزمۇ ھاياتقا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇشىمىز، مۇناسىپ سوۋغا بېرىشىمىز كېرەك.
ھايات يولى بىر سىرلىق تېپىشماق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھاياتنىڭ ئۆزى بىر قىممەتلىك بايلىق. ئۇنى ئاسراش ھەم قەدىرلەش چىن ئادىمىيلىكنىڭ بىر خىل ئىپادىسى. ئۈمىد بىلەن ياشاش پەقەت ئىنسانغىلا خاس بولغان ئالىي روھ، شۇڭا، سىز ھاياتتا مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭغا كۆكرەك كېرىپ، دادىل تاقابىل تۇرۇڭكى، ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ بەل قويۇۋەتمەڭ. ھايات لەززىتىدىن قانغۇدەك بەھرىمەن بولىمەن دەيدىكەنسىز، ۋاقىتنى قەدىرلەش، تىرىشىش، ئىزدىنىش مەڭگۈلۈك نىشانىڭىز بولسۇن.
باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئۆزىگە ياردەم بەرگەنلىكتۇر، بەزىدە ئۆزىمىزگە يانغان ياخشىلىقلارنىڭ باشقىلارغا قىلغان ئىلتىپاتىمىزدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. شۇندىلا كونىلارنىڭ «ياخشىلىق يولدا قالمايدۇ، يامانلىق ئۆزىدىن ئاشمايدۇ»، «بىر ياخشىلىق ئۇنتۇلماس، بىر يامانلىق» دېگەندەك چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلىرىنى ئەسكە ئالىمىز.  ئاقكۆڭۈللۈك، ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان ھەر بىر ئىشىمىز بىزگە ھامان ياخشى نەتىجە ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزدە باشقىلارنىڭ مەۋجۈتلىقىنى ھېس قىلالايدىغان، جىمى مەۋجۈداتنىڭ ئۆز ئارا باغلىنىشلىق بولىدىغانلىقىنى، ھەمنەپەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدىغان قەلب بولۇشى كېرەك.
«كۈنلىرىم مەنىسىز، زېركىشلىك ئۆتىۋاتىدۇ» دېمەڭ. مەنىسىز ئۆتىۋاتقىنى سىزنىڭ قىممەتلىك ھاياتىڭىز. سىزدە ئىلگىرلەش نىشانى ۋە قىلىدىغانغا ئىش، قىلىۋاتقان ئىشغا ئىشتىياق بولسىلا، ھاياتتا ۋاقىت يېتىشمەيۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز. نىشانسىز، يۈگەنسىز، پىلانسىز، خۈنۈك بولسىڭىز، ھايات مەنىسىزدەك، كۈنلەر زېرىكىشلىك، تۇرمۇشتا يالغۇز ھېس قىلىسىز.
تەبەسسۇم ھەقىقەتەنمۇ ئىنسان ھاياتىنىڭ توزۇماس گۈلى. بىر خىل لاتاپەت، گۈزەللىك ۋە بايلىقتۇر. سىز ئەمدىلا مەكتەپ پۈتكۈزۈپ، جەمئىيەتكە چىققىنىڭىزدا ياكى يېڭى خىزمەت ئورنىغا زور ئىشەنچ بىلەن قەدەم باسقىنىڭىزدا، ناتونۇش مۇھىت ۋە ناتونۇش ئادەملەر ئالدىدا بەلكىم قورۇنۇش ھېس قىلىپ، گاڭگىراپ نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قېلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا مەلۇم بىر كىشى سىزگە قاراپ تەبەسسۇم قىلسا، گويا خۇش پۇراق بىر دەستە گۈل يېنىڭىزغا قويۇپ قويۇلغاندەك ياكى ئاشۇ يەردە يېقىن بىر تۇغقىنىڭىز ئۇچراپ قالغاندەك ئىنتايىن يېقىملىق تۇيغۇغا چۆمىسىز، مانا بۇ ئىللىق تەبەسسۇمنىڭ كۈچى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى