قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەپەككۇر ئۇنچىلىرى

2018-05-16 17:28:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تۇرمۇش خۇددى ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ. ئاق قەغەزگە سۈپەتلىك ھەم چىرايلىق خەتلەرنى، جۇلالىق رەسىملەرنى، سەرخىل نەقىشلەرنى سىزغىلى بولغىنىغا ئوخشاش، تۇرمۇش قەدىمنى پۇختا باسقاندىلا تۇرمۇشتىن ھەقىقىي بەخىتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ۋاپا ۋە ساداقەت خۇددى خۇش پۇراق گۈل كەبى بىزنىڭ ھاياتىمىزنى گۈزەللىككە ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىدىغان ئېسىل پەزىلەتلەرنىڭ بىرى، بۇ پەزىلەتلەر ئائىلىمىز ئۈچۈنمۇ، دوستلۇق ۋە باشقا كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىمىز ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا مۇھىم.
سەمىمىيلىك مۇھەببەتنىڭ گۈل تاجى. ئۇ قەلىبلەرگە گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ. كۆڭۈللەرگە ئاقلىق ۋە ساپلىق بېغىشلايدۇ. ئەڭ خالىس بېغىشلاش ۋە تەقدىم قىلىش روھىنى يېتىلدۈرىدۇ. ھاياتنى نۇرلاندۇرۇپ، بەخت گۈلزارلىقىنى گۈل- چېچەككە پۈركەيدۇ.
ياشلىق- ئۆمۈرنىڭ گۈل پەسلى شۇنداقلا كېيىنكى ھاياتقا ئۇل سالىدىغان، ئۆگىنىش ۋە مېھنەت بىلەن ئۆتىدىغان مۇھىم پەيتلەرنىڭ بىرى، ياشلىقتا مۇۋاپىقىيەتكە ئىنتىلىش، مۇۋاپىقىيەت پۇرسەتلىرىنى چىڭ تۇتۇش ۋە ئىرادىلىك بولۇش ياشلارنى نۇرغۇن گۈزەل نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ.
باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقىڭىز ۋاقتى سائىتى كەلگەندە تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىڭىزگە ھەسسىلەپ يانىدۇ، شۇنىڭدەك باشقىلارغا قىلغان يامانلىقىڭىزمۇ ھەم شۇنداق. شۇڭا مېھىر- مۇھەببەت بىلەن ياشايلى، سەمىمىي ساپ دىل بولايلى، ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتەيلى. شۇندىلا بۇ دۇنيا بىزگە گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى