قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتوموبىل كۆپ جايدا ئىشىك ئاچسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟

2018-05-16 17:49:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئېچىش ھەرىكىتى شۇنداق ئاددىي، بىراق بۇنى يولدىكى قاتناش ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرگەندە، بۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس. مەسىلەن: ئەگەر ئاپتوموبىل تامغا بەك يېقىن توختاپ قالسا، ماشىنا ئىچىدە تۇرۇپ ئىشىكنى ئاچقاندا، ئىشىك تامغا ئۇرۇلۇپ، سىرى چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ پەقەتلا ئاپتوموبىلدىكى يارىلىنىش. ئەگەر ئاپتوموبىل كۆپ جايدا مۇشۇنداق ئىشىك ئاچسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟
ئۇنداقتا، ئاپتوموبىل ئىشىكىنى زادى قانداق ئېچىش كېرەك؟
1. ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئېچىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن سول تەرەپتىكى ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى ئارقىلىق ئارقا تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئاپتوموبىللارنى كۆزىتىش كېرەك.
شوپۇرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئېچىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىنى كۆزىتىپ، ئارقا تەرەپتە كېلىۋاتقان ئاپتوموبىل يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرۈشتۇرۈش.
ئارقا رەتنىڭ سول تەرىپىدە ئولتۇرغان ئادەمگە نىسبەتەن، ئىشىكنى ئېچىشتىن بۇرۇن، شوپۇردىن ئارقا تەرەپنى كۆزىتىپ بېقىشنى تەلەپ قىلىشى، بىخەتەرلىكى جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن ئاندىن ئىشىكنى ئېچىشى لازىم. گەرچە ئارقا رەتتە ئولتۇرغانلارنىڭ سول تەرەپتىن چۈشۈشى تەۋسىيە قىلىنمىسىمۇ، بىراق ئوڭ تەرەپتىن چۈشۈش ئەپسىز بولغاندا، ئارقا تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئاپتوموبىللارنى ياخشى كۆزىتىپ، بىخەتەر ئەھۋالدا سول تەرەپتىن چۈشۈش لازىم.
2.سىرتقى ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى ئارقىلىق بىخەتەرلىكنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئىشىكنى ئازراق ئېچىش لازىم.
سىرتقى ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى ئارقىلىق ئارقا تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئاپتوموبىل يوقلۇقى جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىشىكنى ئېچىشقا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ھەرگىزمۇ ئىشىكىنى بىرلا ئىتتىرىپ ئېچىشقا بولمايدۇ، ئەكسىچە ئالدى بىلەن ئازراق ئېچىپ، ئارقا تەرەپتىن كېلىۋاتقان موتوسىكلىت ۋە ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرىغا «ئىشىك ئېچىلىش» سىگنالى بېرىپ، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، سوقۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش لازىم.
3.ئۆز كۆزىمىز بىلەن بىخەتەرلىكنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ ماشىنىدىن چۈشۈشىمىز لازىم.
ئىشىكنى ئازراق ئاچقاندىن كېيىن، ئىشىك يوچۇقىدىن ئارقا تەرەپنىڭ بىخەتەرلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ماشىنىدىن چۈشۈشكە بولىدۇ. ماشىنىدىن چۈشۈۋاتقاندا، كۆزىمىز يەنىلا ئارقا تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئاپتوموبىللاردا بولۇشى ھەمدە قولىمىز بىلەن ئاپتوموبىل ئىشىكىنى كونترول قىلالايدىغان دائىرىدە ساقلىشىمىز لازىم. ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئۆزىمىز چۈشەلىگۈدەك دەرىجىدە ئاچساق بولىدۇ، ھەرگىزمۇ بىرلا ئىتتىرىپ چوڭ ئېچىۋېلىشقا بولمايدۇ.
ئەگەر ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئېچىشتا بىخەستىلىك قىلىنسا، ئېغىر ۋەقە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن بولۇپ، تۇرمۇشتا بۇنداق ۋەقەلەرمۇ ئاز ئەمەس. شۇڭا، ماشىنىدىن چۈشكەندە دىققەت قىلىپ، ياخشى بولغان بىخەتەرلىك كۆز قارىشى ۋە ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى