قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتوموبىلنى ئوت ئالدۇرغاندىن كېيىن، ماتورنىڭ ئۈستى قىسىمىدا ئاپتول يوق بولۇپ، سىلىقلاش كەمچىل ھالەتتە بولىدۇ

2018-05-16 17:51:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتوموبىلنى ئۇزاق ۋاقىت توختىتىپ قويغاندا، ئاپتوموبىل ماتورى ئىچىدىكى ئاپتول ماتورنىڭ ئاستىغا قايتىپ كېلىدۇ. شۇڭا، ئاپتوموبىلنى ئوت ئالدۇرغاندىن كېيىن، ماتورنىڭ ئۈستى قىسىمىدا ئاپتول يوق بولۇپ، سىلىقلاش كەمچىل ھالەتتە بولىدۇ. ئوت ئالدۇرۇپ 30 سىكۇنت ئەتراپىدا، ئاپتول پومپىسى ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاپتولنى ماتورنىڭ ئەڭ سىلىقلاشقا ئېھتىياجلىق قىسىملىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
 شۇڭا، ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىللارنى ئوت ئالدۇرغاندىن كېيىن 10 سىكۇنت ئەتراپىدا، قول خوتلۇق ئاپتوموبىللارنى 30 سىكۇنت ئەتراپىدا (قاتتىق سوغۇق كۈنلىرى بىر مىنۇت ئەتراپىدا) قىزىتقاندىن كېيىن دەرھال قوزغىتىش كېرەك. يەنى، ئاپتوموبىلنى ئوت ئالدۇرغاندىن كېيىن، ئاپتول چىرىغى ئۆچكەندىن كېيىنلا مېڭىش كېرەك. بىراق، بۇ ۋاقىتتا ھەرگىزمۇ يۇقىرى سۈرئەتتە مېڭىشقا بولمايدۇ. ئاپتوموبىلنى تۆۋەن سۈرئەتتە ھەيدەپ، ماتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنى 2000 ئەتراپىدا كونترول قىلىش لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا، موتور ۋە سۈرئەت ئۆزگەرتىش كورۇپكىسى ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ. موتورنىڭ تېمپېراتۇرىسى نورمال ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن، ئاندىن ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم. ئەمەلىيەتتە ئاپتوموبىل مېڭىۋاتقان ۋاقىتتىكى موتورنىڭ ئۇپرىشى ناھايىتى يېنىك بولىدۇ. %90 تىن ئارتۇق ئۇپراش دەل موتورنى قوزغاتقان ۋاقىتتا يۈز بېرىدۇ. شۇڭا ئاپتوموبىلنى ئوت ئالدۇرغاندا ستارتېرنىڭ قوزغىلىش ۋاقتىنى ئازايتىش كېرەك.
ئاپتوموبىلنى ئۆز جايىدا تۇرغۇزۇپ ئۇزاق ۋاقىت قىزىتقاندا، ماتورنىڭ ئۇپرىشىنى ئېغىرلىتىپلا قالماستىن، قىزىتىش جەريانىدا تولۇق كۆيۈپ بولالمىغان كېرەكسىز گاز مۇھىتنى بۇلغايدۇ. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا، ئاپتول بىلەن ئارىلاشقاندىن كېيىن، كۈچلۈك كىسلاتا ھاسىل بولۇپ، ماتورنىڭ ئۇپراش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ھەمدە ئاپتولنىڭ سۈپىتىنى ناچارلاشتۇرۇپ، ئۆمرىنى قىسقارتىۋېتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى