قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالا تەربىيىسدە سەۋرىچانلىقنى ھەمرا قىلىڭ

2018-05-16 18:00:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تەربىيە سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتۈش دېمەكتۇر. بۇ خۇددىي كېپىنەكنىڭ لىچىنكا تۇخۇمىنى يېرىپ، مىڭ بىر جاپادا چىققىنىغا ئوخشايدۇ. كېپىنەك شۇنداق جاپا- مۇشەقەتتە قانىتىنى چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق يېتىلىپ چىقىدۇ، بۇنداق مۈشكۈل جەرياننى كېپىنەك سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتۈش كېرەك. ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىن تارتىپ قايتا ئويلىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشكىچە بولغان جەريانلارنى بېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ، ھەتتا تەربىيەنى سانسىز قېتىم قايتىلاش ئارقىلىق مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. دېمەك، بۇنىڭدىمۇ يەنىلا سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتۈشنى ئۆگىنىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
بىر كۈنى مەن ئۈچ ياشقىمۇ كىرمىگەن قىز نەۋرەمنى ھويلىدا ئويناتتىم، ئۇ قولىدا بىر بوتۇلكا قېتىقنى تۇتقىنىچە ھېلى ئۇ ياققا يۈگۈرسە، ھېلى بۇياققا يۈگۈرۈپ ئوينايتتى. توساتتىنلا ئۇنىڭ ئوڭ پۇتى پىلەككە يامىشىپ ئۆسكەن تىكەنلىك ئوتقا ئىلىشىپ قالدى، ئۇ پۇتىنى ھەر قانچە سىلكىسىمۇ ئاجرىتالمىدى، ئۇ سول پۇتى بىلەن پىلەكنى دەسسەپ، ئوڭ پۇتىنى تارتتى. بىراق يەنىلا پۇتىنى ئاجرىتالمىدى. مەن ئۇنى قانداق قىلىدىكىن دەپ قاراپ تۇردۇم. ئۇ ئېڭىشىپ ئاۋۋال سول قولى بىلەن پىلەكنى كۈچەپ تارتتى، ئاندىن قېتىقنى سول قولىغا ئالماشتۇرۇپ، ئوڭ قولى بىلەن كۈچەپ تارتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا پۇتىنى ئاجرىتالمىدى. مەن كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا: ئوماق قوزام، سىز بەك قالتىس، سىز قىلالايسىز، غەيرەت قىلىڭ! دېدىم. ئۇ ماڭا قارىۋەتكەندىن كېيىن قولىدىكى قېتىقنى يەرگە قويۇپ، ئىككى قولى بىلەن پىلەكنى كۈچەپ تارتتى، بىراق يەنىلا پۇتىنى چىقىرالمىدى. ئۇ پىلەكنىڭ بىر ئۇچىنى تېپىپ، تەتۈر يۆنۈلىش بويىچە چۆرگىلەپ پۇتىنى چىقىرىۋالدى. مەن بۇ ئىشنى كۆرۈپ، باش بارمىقىمنى چىقىرىپ ئارقا- ئارقىدىن ماختىدىم. ئۇ خوشال بولغان ھالدا كۈلدى-دە، يەردىكى قېتىقنى ئېلىپ، خوشلىقىدىن سەكرەپ كەتتى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى كۈلكىسى ھەرقانداق چاغدىكىدىن چىرايلىق ئىدى.
پىداگوكلار مۇنداق دېگەنىدى: «تەبىئەت بالىلارنىڭ قورامىغا يېتىشتىن بۇرۇن بالىلارغا ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ناۋادا بىز بۇ قانۇنىيەتكە خىلاپىق قىلساق، ئۇ ھالدا بىز تولۇق پىشىپ يېتىلمىگەن ھەم تەمى بولمىغان مىۋىگە ئېرىشىپ قالىمىز، يەنە كېلىپ بۇ مىۋە ناھايىتى ئاسانلا سېسىپ تۈگەيدۇ». ئەگەر مەن نەۋرەم ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغاندا، دەرھال ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ مەسلىنى ئوڭايلا ھەل قىلغان بولسام، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە تەپەككۈرى تەسىرىگە ئۇچرىغان بولاتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىلا چوڭلارنى ياردەمگە چاقرىپ، رىقابەتتىن قاچىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرىۋېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، سىناپ بېقىش، تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، مەسىلىنى ئۆزى ھەل قىلىش تەرەپدارىدا بولماي، مەسىلىگە يولۇققان ھامان يىغلاپ قاقشايتتى. بۇ خىل ئەھۋال خۇددىي «باشقىلار ياردەم قىلغان» كېپىنەكنىڭ مەڭگۈ ئۇچالمىغىنىغا ئوخشايدۇ.
بەزى چاغلاردا ئاتا- ئانىلارنىڭ بىر ياقتا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشى بىر خىل ئىللىقلىققا تولغان كۈتۈش ھېساپلىنىدۇ. جىمجىت كۈتۈش ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ ئورنىدا قىلىشىپ بەرگەنگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەقىلغا تولغان تەربىيىدۇر. ھەر بىر بالا ئۆزىگە خاس بولغان ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىغا ئىگە بولۇپ، بۇ باسقۇچ ئاتا- ئانىلاردىن سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرۇشنى، بالىلارنىڭ ئاستا- ئاستا ئۆسۈپ يېتىلىشىگە جىمجىت ھەمرا بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئاتا- ئانىلار سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتۈش بەدىلىگە چەكسىز خوشاللىققا ئېرىشەلەيدۇ.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى