قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىمتىھان نەتجىسىنى پۈتۈنلەي بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى بەلگىلەيدۇ دەپ قارىۋالماسلىقى كېرەك

2018-05-16 18:01:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بالىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ياخشى بولسا، ئاتا- ئانىلار تەبىئىي ھالدا خۇشال بولىدۇ. ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمىسە، بەزى ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى: «بۇ نېمە قىلغىنىڭ، نەتىجەڭ نېمانچە تۆۋەن، باشقىلار قانچە نومۇر ئاپتۇ؟» دەپ ئەيىبلەيدۇ. نۇرغۇن  ئاتا- ئانىلار ئىمتىھان نەتىجىسىنى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم دەپ قارايدۇ. ئىمتىھان ئېلىش ئۆگىنىش نەتىجىسىنى تەكشۈرىدىغان بىر خىل ۋاسىتە، لېكىن ئىمتىھان نەتجىسىنى پۈتۈنلەي بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى بەلگىلەيدۇ دەپ قارىۋالماسلىقى كېرەك.
ئالدى بىلەن شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ئىمتىھان ئارقىلىق ئۆگىنىشنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىنى ئەمەس، پەقەتلا ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىمىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. ئىمتىھان ئېلىش چەكلىك ۋاقىت، بەلگىلەنگەن مەسىلە دائىرىسىدىلا ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا، ئىمتىھان نەتىجىسىگە قاراشتا، ئىمتىھان ئېلىنمىغان تەرەپلەرنىمۇ ئويلىشىش كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بالىلار ئىمتىھان ئېلىنغان مەزمۇنلارنى بىلگىنى بىلەن، ئىمتىھان ئېلىنمىغان مەزمۇنلارنى بىلىشى ناتايىن. ئۇنىڭدىن قالسا، ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ تۈرى مەسىلىسى بار. بەزى سوئاللار ئاددىي تاللاش خاراكتېرلىك، بەزى سوئاللار ئۇنىۋېرسال بايان خاراكتېرلىك بولۇپ، بۇ ئىمتىھاننىڭ سەۋىيەسى جەھەتتىنمۇ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەر قېتىملىق ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ قىيىن- ئوڭايلىق دەرىجىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، ئالغان نومۇرىنىڭ ئوخشاشلىقىغا قاراپلا، ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ ئوخشاش دەپ قاراشقا بولمايدۇ، يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقايسى پەنلەردە ئىگىلىگەن بىلىمى، ئۇلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىمۇ تامامەن ئوخشاپ كەتمەيدۇ. پەقەت قارىغۇلارچە يادلاشنىلا بىلىدىغان بالىلارنىڭ نەتىجىسى تۆۋەنكى يىللىقلاردىكى چېغىدا ئېھتىمال ياخشى بولۇشى مۇمكىن، كاللىسىنى ئىشلىتىپ پىكىر قىلىشقا ماھىر، تەپەككۇر ئىقتىدارى كۈچلۈك بالىلار بولسا، يۇقىرىقى يىللىقلارغا چىققاندا باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىدۇ.
 بۇنىڭدىن ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئۆلچەيدىغان بىردىنبىر ئۆلچەمنىڭ پەقەت ئىمتىھان نەتىجىسىلا ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. پەقەت نومۇر ئۈچۈنلا ئۆگىنىش ئاخىرقى نىشاننى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ. ئاتا- ئانىنىڭ بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش پىرىنسىپى ئۆلۈك ھالدا ئىمتىھان نومۇرىغا ئېسىلىۋېلىش بولماستىن، بالىنىڭ مېڭىسىنى ئىشلىتىپ پىكىر قىلىش ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. ئەگەر بىر مەكتەپ ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىمتىھان مەشقىگىلا قاراتقان بولسا، بۇنداق قىلىشنىڭ زىيىنى بولسا باركى، پايدىسى يوق. 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى