قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نېمە ئۈچۈن ئانا بىلەن بالىنىڭ بىرلىكتە كىتاب ئوقۇشى تەكىتلىنىدۇ؟

2018-05-16 18:02:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بالىنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى تەربىيەلەش ئارقىلىق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر ئاتا- ئانىلار بۇ جەھەتتىكى تەربىيەگە ئەھمىيەت بەرسە، بالا بىر يېرىم يېشىدىلا «بىللە ئوقۇش» ياكى «ئاڭلاش»قا قىزىقىپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە كىتاب ئوقۇشمۇ بىر خىل ئىقتىدار بولۇپ، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق بىلمىگەننى بىلىۋالغىلى، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئانا بولغۇچى چوقۇم كىتابنىڭ مەزمۇنىنى تولۇق، ئېنىق چۈشەندۈرۈشى، بالىلارغا ئوقۇپ بېرىدىغان كىتاب مەزمۇنى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىن بولۇشى كېرەك، شۇندىلا ئۇلار ياقتۇرىدۇ ھەم ئاسان چۈشىنەلەيدۇ.
بالىنىڭ ھەرپلەرنى تونۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ (ئەلۋەتتە ئۆزى ئۆگىنىۋالسا تېخىمۇ ياخشى). ئەمما، بالىغا ئوقۇپ بېرىۋاتقان مەزمۇنغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى تاپتۇرۇش كېرەك. مۇشۇ بويىچە كۆپ قېتىم تەكرارلاتقاندا بالىنىڭ چۈشىنىشىنى ئاشۇرۇپ، ئوبرازنىڭ ياردىمىدە ئابستراكىت نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ئانا- بالا تەڭ ئوقۇشتا بىر قەدەر ياخشى دەپ قارالغان ئۇسۇل بالىلار ناخشىسىنى بىللە ئوقۇشتىن ئىبارەت. بالىلار ناخشىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى جۈملىسى قىسقا، رېتىملىق، ئېغىزغا ئاسان كېلىدۇ ھەمدە بالىلارنىڭ رېتىم، قاپىيىنى ياقتۇرىدىغان پىسىخىكىسى بىلەن ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. ناخشا ئوقۇلىۋاتقاندا يەنە بالىلارنى پاس چىقىرىشقا، كىچىك ماھارەتلەرنى كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى