قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ماتورنى سۇ بىلەن يۇيۇشقا بولامدۇ

2018-05-16 18:17:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ياز كۈنلىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋادا ماتوردا ناھايىتى ئاسانلا ماي داغلىرى يىغىلىپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياز پەسلى ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆزلۈكىدىن كۆيۈپ كېتىش ھادىسىسى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل بولغاچقا، ماي داغلىرى ئاسانلا ئوت ئالىدۇ. شۇڭا، ماتورنى يۇغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.
  ئادەتتىكى ئەھۋالدا ماتورنى سۇ بىلەن يۇيۇشقا بولىدۇ، چۈنكى ماتورنىڭ زاپچاسلىرى سۇ ئۆتمەس قىلىپ لايىھەلەنگەن، بىراق سۇ بىلەن يۇغاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش لازىم.
1. يىلى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان ئاپتوموبىللارنىڭ ماتورىنى بىۋاسىتە سۇ پۈركۈپ يۇيۇشقا بولمايدۇ.يىلى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان ئاپتوموبىللارنىڭ ماتورىنى ئەڭ ياخشىسى يەل تاپانچىسى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش لازىم. گەرچە ماتورنىڭ زاپچاسلىرى سۇ ئۆتمەس قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق كونىراش سەۋەبىدىن ماس بولۇپ خەتەر يۈز بېرىشتىن ساقلانماق تەس. ئەگەر يېڭى ئاپتوموبىل بولسا سۇ تاپانچىسى ئارقىلىق يۇيۇشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.
2. ئاپتوموبىل ماتورى سوۋۇماي تۇرۇپلا سۇ پۈركۈشكە بولمايدۇماتور يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھالىتىدە تۇرغاندا، ئىسسقتىن كېڭىيىپ سوغۇقتىن تارىيىش سەۋەبىدىن، يۇقىرى بېسىملىق سۇ تاپانچىسى بىلەن يۇغاندا ماي سىرغىش ھەتتا سىلىندىر يېرىلىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ماتور سۇۋۇغاندىن كېيىن يۇيۇش لازىم.
3. ئېلېكتىرونلۇق بۆلەكلەر ۋە بىخەتەرلىك قۇتىسىغا سۇ تېگىپ كېتىشكە قەتئىي بولمايدۇماتورنى يۇغاندا يول يۈرۈش كومپيۇتېرى ۋە بىخەتەرلىك رايونىغا سۇ تېگىپ كېتىشتىن ساقلىنىش لازىم. گەرچە ماتور سۇ ئۆتمەس قىلىپ لايىھەلەنگەن بولسىمۇ، بىراق سۇ بىلەن يۇغاندا يەنىلا دىققەت قىلىش لازىم. ئادەتتە بىخەتەرلىك قۇتىسىنىڭ ئۈسىتىگە ئېنىق قىلىپ «بۇ يەرنى يۇقىرى بېسىملىق سۇ تاپانچىسى بىلەن يۇيۇشقا بولمايدۇ» دەپ يېزىلغان بولىدۇ. تاسادىپىيلىق يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى بۇ ئورۇننى سۇ بىلەن يۇيۇشقا بولمايدۇ.
يۇقىرىدىكىلەر ماتورنى يۇغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار بولۇپ، ئىنچىكە نۇقتىلارغا دىققەت قىلساق ئاپتوموبىلنى تېخىمۇ ياخشى ئاسرىغىلى بولىدۇ.  

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى