قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ماشىنىڭىزنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتاي دېسىڭىز بۇ ئىشلاردىن ساقلىنىڭ

2018-05-16 18:18:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتوموبىل خورىغۇچى بۇيۇم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش لىنيەسىدىن ئايرىلغاندىن باشلاپلا خوراشقا، قىممىتى چۈشۈشكە ۋە ئۇپراشقا باشلايدۇ. بىراق نېمە ئۈچۈن ئوخشاش بىر ماشىنىنى بەزى كىشىلەر 10 يىل، 20 يىل ھەيدىسىمۇ يەنىلا يېڭى پېتى تۇرىدۇ؟ بىراق بەزى كىشىلەر ئىككى ئۈچ يىل ئىچىدىلا ماشىنا ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ؟ بۇنىڭدىكى كۆپ قىسىم سەۋەب يەنىلا ماشىنا ئىشلىتىش ئادىتىدە. ماشىنىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان نۇرغۇن ئىش ھەرىكەتلەر بىزنىڭ كۈندىلىك ماشىنا ھەيدەش جەريانىمىزدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. كۈن، ئايلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ماشىنىغا زور زىيانلارنى سالىدۇ. بىراق پەقەت بەزى كىچىك ئىشلارغا ئىمكانقەدەر دىققەت قىلساقلا، ماشىنا زاپچاسلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش مۇددىتىنى ئۇزارتالايمىز.
ئەلۋەتتە، بۇ ماشىنىنى ئۆزىمىزنىڭ بالىسىنى ئەتىۋارلىغاندەك ئەتىۋارلاش كېرەك، دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى ئاپتوموبىل ئىنسانلارغا خىزمەت قىلىدىغان سەپەرگە چىقىش قورالى، ئۇنى دائىم ئىشلەتكەندە ئاندىن ئۇنىڭ قىممىتى گەۋدىلىنىدۇ. ئاپتوموبىل ھەيدىگەن چاغدا پەقەت ئاپتوموبىلغا زىيان يەتكۈزىدىغان بەزى ئىشلارنى ئازايتقاندا ئۇنىڭ مۇلازىمەت قىلىش ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا پۇل تېجەپلا قىلماي يەنە ئاپتوموبىل رېمونت قىلىشقا كېتىدىغان ۋاقىتنىمۇ تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.
1. خوتسىز يۈرۈش
بەزى پېشقەدەم شوپۇرلار ئېگىزدىن تۆۋەنگە چۈشكەندە خوتسىز سىيرىلىپ چۈشۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ماي تېجىگىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. خوتسىز يۈرۈش قول خوتلۇق ئاپتوموبىللارغا ماس كېلىدۇ. ئەگەر ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىللار خوتسىز يۈرگەن چاغدا گېنېراتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى ماشىنىنىڭ مېڭىش سۈرئىتى بىلەن ئوخشاش بولمىغاچقا، ناھايىتى ئاسانلا سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى ماي بېسىمىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سۈركىلىش چوڭىيىدۇ ۋە ئاپتوماتىك خوت ئالماشتۇرۇش ساندۇقى ئىچىدىكى سۈركىلىش ياپراقچىسىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا خوت ئالماشتۇرۇش ساندۇقىدا كاشىلا پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. رولنى جېنىنىڭ بېرىچە ئۇرۇش
بەزى كىشىلەر ماشىنا ھەيدىگەندە، بولۇپمۇ ماشىنىنى كەينىگە ياندۇرغان ۋاقىتتا رولنى ناھايىتى كۈچەپ ئۇرىدۇ ۋە ئايلاندۇرۇپ مىدىرلاتقىلى بولمىغىدەك ئەھۋالغا ئەكىلىپ قويىدۇ، ئاندىن ماشىنىنى ئاستا-ئاستا كەينىگە ياندۇرىدۇ. بىراق دائىم رولنى كۈچەپ ئۇرۇش ماشىنا رولىنىڭ ياردەمچى پومپىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ياردەمچى پومپا تاسمىسىنىڭ كونىراپ كېتىشىنى، ياردەمچى پومپىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، رول ئىشلىمەس بولۇپ قالىدۇ.
3. قول تورمۇزنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تارتىش
بىز شوپۇرلۇق مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن مەشقاۋۇلنىڭ ھەر بىر جۈملە سۆزىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتىمىز، بولۇپمۇ قول تورمۇزنى تارتىش توغرىسىدىكى سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ. بەزى كىشىلەر دائىم قول تورمۇزنى جېنىنىڭ بارىچە تارتىپ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شوپۇرلۇق مەكتەپتە ئىشلىتىلىدىغان ماشىنىلارنىڭ كۆپىنچىسى ناھايىتى كونا، شۇنداقلا ئاسرىلىشى ناچار ماشىنىلار، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەشقاۋۇل قول تورمۇزنى تارتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۆگىتىدۇ، بىراق ئۆزىمىزنىڭ ماشىنىسىغا ھەرگىزمۇ بۇنداق كۈچىمەسلىكىمىز كېرەك. دائىم قول تورمۇزنى كۈچەپ تارتىپ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكۈزگەندە تورمۇز ياپراقچىسى ۋە تاسمىسىنى كونىرىتىۋېتىدۇ ياكى تاسما ئۈزۈلۈپ كېتىپ، قول تورمۇزنىڭ ئىشلىمەس بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. ماشىنا توختاتقاندىن كېيىن ماشىنا رولىنى جايىغا قايتۇرماسلىق
نۇرغۇن كىشى ماشىنا توختاتقاندىن كېيىن ماشىنا توختىشىغا ئوتنى ئۆچۈرىدۇ، ماشىنا رولىنىمۇ جايىغا قايتۇرمايدۇ. بىراق بۇنداق قىلغاندا يۆنىلىش تاياقچىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىپلا قالماي، يەنە بۇرۇلۇش سىستېمىسىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ھەرىكەت ئۇزاق داۋاملاشسا، ماشىنىنىڭ دائىم يولدىن ئېغىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 شۇڭا ماشىنا توختاتقاندىن كېيىن ئامال بار رولىنى جايىغا قايتۇرۇش كېرەك.
5. ماشىنا توختىتىش ئورنىنىڭ تەكشى بولماسلىقى
يول بويلىرىدا ماشىنىلارنى ئېگىز پەس رايونلارغا توختىتىدىغان ھادىسىلەر دائىم ئۇچرايدۇ. ئەگەر ماشىنىلارنى ئېگىز پەس ئورۇنلارغا ئۇزاق مۇددەت توختاتقاندا تۆت چاقنىڭ يەر يۈزىگە تېگىشىش پەرقى ناھايىتى چوڭ بولۇپ كېتىپ، ماشىنا قۇرۇلمىسىنىڭ ئېغىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇڭا، ئۇزاق مۇددەت ياكى دائىم ماشىنا توختىتىدىغان ئەھۋالدا ئامال بار تۈپتۈز يەرنى تېپىپ توختىتىش كېرەك. بىر نەچچە كوي ماشىنا توختىتىش ھەققى تۆلەپ ماشىنىنى تۈز يەردە توختىتىش 4S دۇكىنىغا بېرىپ تۆت چاقنىڭ ئورنىنى قايتىدىن بېكىتىش، ماشىنا رېمونت قىلدۇرۇپ ئۆلچەش قاتارلىقلاردىن كۆپ ئەرزان توختايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى