قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جىلىن ئۆلكىسىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارسلىق قىلغۇچى ليۇ فۇشەن ۋە ئۇنىڭ سېرىق قارىياغاچ يىلتىزى ئويما سەنئىتى

2018-05-16 18:34:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تۇڭيۈ ناھىيەسى بازىرىدىن غەربكە قاراپ  تەخمىنەن 50 ، 60 كىلومېتىر يۈرسىڭىز، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ «شياڭخەي» دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونغا بارىسىز، بۇ بىر سىرلىق ماكان. بۇ يەردە خولىنخې دەرياسى تولغۇنۇپ ئېقىپ تۇرىدۇ؛ موڭغۇل سېرىق قارىياغىچى بۇ يەردە يىلتىز تارتىپ، بۈك- باراقسان  ئۆسكەن؛ بۇ يەردىكى تارىخىي يادىكارلىقلار كۆزنى چاقنىتىدۇ. ئۇنىڭ گۈزەللىكى دەل ئۇنىڭ ئىپتىدائىيلىقىدا، تەبىئىيلىكىدە.
مۇڭغۇل سېرىق قارىياغىچى قۇرغاق رايۇنلاردىكى قۇم بارخانلىرىدا بولىدىغان ئالاھىدە دەرەخ  بولۇپ، قارىياغاچ ئائىلىسىگە، قارىياغاچ تۈرىگە تەۋە، تەبىئىي ئىككىلەمچى ئورمان. شىياڭخەي ئەتراپىدا، ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ موڭغۇل سېرىق قارىياغاچزارلىقى بار بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ھەر يىلى ياز ۋە كۈز پەسلىدە، تاغ ئۈستىدە تۇرۇپ، يىراققا نەزەر سالسىڭىز، تاغ- دالىلارنى قاپلىغان سېرىق قارىياغاچلار بىر- بىرىگە تۇتۇشۇپ كەتكەندەك ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرىنىدۇ ھەمدە كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ.
يىلتىز غوللىرى ھەر خىل غەلىتە ئۆسىدىغان، ياغىچى قاتتىق بولغان موڭغۇل سېرىق قارىياغىچى ئەزەلدىن تۇڭيۈلىق سەنئەتكارلارنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە. بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن ليۇ فۇشەن شياڭخەيدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مۇڭغۇل، ئۇ كىچىكىدىنلا ئويمىچىلىققا قىزىقاتتى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن مۇشۇ قىزىقىشىنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى،  17، 18 يىل جان كۆيدۈرۈش نەتىجىسىدە، ئاخىرى نام چىقاردى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ جىلىندىكى ئۆلكە دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسى، تۇڭيۈ ناھىيەلىك يىلتىز ئويما سەنئىتىنىڭ ۋەكىلى بۇلۇپ قالدى. موڭغۇل سېرىق قارىياغىچىنىڭ ئۆسۈشى ئاستا، ياغىچى قاتتىق بولۇپ، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمىدا ئۆسىدىغان، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان دەرەخ تۈرى، ئۇنىڭ يەنە «ئۆسىۋاتقان تاشقاتما» دېگەن نامى بار. ليۇ فۇشەن شياڭخەينىڭ كۆز يەتكۈسىز ئوتلاقلىرى ۋە ئەزىم دەريالىرىدا مۇڭغۇل قارىياغاچى بىلەن ئۇچراشقىنىدا، گويا سېھىرلىك ھۈنەرۋەندەك تەبىئىي سەنئەت مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. ئۇ سېرىق قارىياغاچ يىلتىزى ئويمىلىرىنى ياسىغاندا ئوخشىمىغان ماتېرىياللارنىڭ شەكلىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىدۇ، رېئاللىق بىلەن مەۋھۇملىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، شەكلى ئەينەن بولسىمۇ، لېكىن ياسىلىشىنىڭ ھەر خىللىقى بىلەن، جېلىن ئۆلكىسىدىكى داڭلىق ئويمىچىلار ئارىسىدا ئۆز خاسلىقىنى ياراتتى. ليۇ فۇشەننىڭ سېرىق قارىياغاچ يىلتىزى ئويما ئەسىرى كۆپىنچە سېرىق قارىياغاچ يىلتىزىنىڭ تەبىئىي ئۆسۈش ئالاھىدىلىكى بويىچە شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ناھايىتى تەبىئىي. بۇ غەيرىي شەكىللەرنىڭ ھەممىسى تەبىئەت ياراتقان داڭلىق ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
قەدىمىي نەققاشلىق سەنئىتى سەھرا مەدەنىيىتى ئىچىدە 100 يىلدىن ئارتۇق تاۋلىنىپ يىتىلگەن، تۇڭيۈدىن ئىبارەت بۇ زېمىندا قول ھۈنەر سەنئەتكارلىرىنىڭ كۆپلەپ چىقىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، بۇ يەردە نەققاشلىقنىڭ «تاش نەقىش، يىلتىز نەقىش، تۇخۇم نەقىش، بېلىق سۆڭىكى نەقىش، قاپاق نەقىش» قاتارلىق كۆپ خىل تۈرلىرى مەيدانغا كەلگەن. خەلق ئارىسىدا موڭغۇل سېرىق قارىياغىچى توغرىسىدا مۇنداق بىر گۈزەل رىۋايەت بار: بۇ يەر 7 پەرىنىڭ ئىنسانلارغا قالدۇرغان سوۋغىسى بۇلۇپ، پەرىلەر يايلاقتىكى ھاياتلىقنى كۈن نۇرى، شامال- بوراندىن ساقلاش ئۈچۈن ئۆزىنى كۈنلۈككە ئوخشاش خۇاڭيۇ دەرىخىگە ئايلاندۇرۇپ قۇم بورانغا، كۈن نۇرىغا دالدا بولغان، بوراننى توسۇپ، قۇمنى مۇقىملاشتۇرۇپ قۇمنىڭ كۆچىشىنى تىزگىنلىگەن. شۇنىڭدىن بۇيان، بۇ يەردە گۈللەر ئېچىلىپ، ھايۋان- ئۇچار قۇشلار ماكانلاشقان، ۋاڭ بۇزرۇكۋارنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان تاجلىق تۇرنىلارمۇ بۇ يەرگە ماكانلاشقان. گەرچە بۇ بىر رىۋايەت بولسىمۇ، لىكىن سىز ئۇ يەرگە بېرىپ قالسىڭىز، بۇ گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرگىنىڭىزدە بۇ سىھىرلىك ماكاننى راستلا قىممەتلىك مەنىۋى مىراستەك ھىس قىلىسىز.
بىر ئويمىدىن بىر دۇنيا، بىر مەنزىرىدىن بىر ئالەم ئىپادىلىنىدۇ. كېرەكسىز ھېسابلىنىدىغان نەرسىلەر سەنئەتكارلارنىڭ قولىدا گۈزەل بۇيۇملارغا ئۆزگىرىدۇ. ليۇ فۇشەننىڭ ئۆيى سىرتتىن قارىغاندا شياڭخەي يېزىسىدىكى باشقا ئۆيلەردىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، ئەمما ھويلىغا كىرىپلا ھەيرانلىقتىن ۋارقىرىۋەتكىلى تاس قالىسىز، چۈنكى ھويلىدا نەچچە مىڭ سېرىق قارىياغاچ يىلتىزى دۆۋىلەكلىك بولۇپ،  چىرمىشىپ كەتكەن ھەر خىل شەكىلدىكى يىلتىز ماتېرىياللار ئىگىسىنىڭ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بايقىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.
ليۇ فۇشەن پۈتۈن زېھنىنى سېرىق قارىياغاچ يىلتىز ئويمىسىغا ئاتا قىلغان شۇ يىللاردا بىر قانچە ئۇستاز تۇتتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۇڭيۈدىكى كونا قول ھۈنەرۋەنلەر ئىدى. ئۇنىڭ ھويلىسىنىڭ غەرب تەرىپىدە بىر مەخسۇس ئىشخانىسى بار بولۇپ، كونا ئەسۋابلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە رەتلىك  قويۇلغان ئىدى، كۆپىنچە يىلتىز ئويما ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش ھالقىسى بۇ يەردە تاماملىناتتى.
موڭغۇل سېرىق قارىياغىچىنىڭ يىلتىزى ھەر خىل شەكىلدە بولۇپلا قالماي يەنە ياغىچى قاتتىق كېلىدۇ، سىلىقلانغاندىن كېيىن ھەيۋەتلىك سېرىق رەڭدە كۆرۈنگەچكە، باشقا دەرەخ يىلتىزى ئويمىسىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ، شەكىلگە كەلتۈرۈلۈپ ئەسەرگە ئايلانغاندىن كېيىنكى تەسىر كۈچى ۋە ھۇزۇرلىنىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. ليۇ فۇشەن ئىجاد قىلىش جەريانىدا دەرەخ يىلتىزىنى ئەسلىدىكى ھالىتىگە ئاساسەن شەكىلگە كىرگۈزۈپ، ئاندىن رەندىلەپ سىللىقلايدۇ، ئالتە- يەتتە قېتىم رەندىلەش ئارقىلىق، يىلتىز ئويما سىللىق ھالەتكە كېلىدۇ، ئاندىن رەڭ بېرىلىپ، موم سۈركىلىدۇ.
يىلتىز ئويما- تەبىئىي گۈزەللىكنى بايقايدىغان شۇنداقلا ئىجادىي پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساس قىلىدىغان تەسۋىرىي سەنئەت ھېسابلىنىدۇ. ليۇ فۇشەن گەرچە گۈزەل سەنئەت كەسپىدە سىستېمىلىق ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، سەنئەتنىڭ بۇ خىل تۈرىنىڭ جەۋھىرىنى ئوبدان ئىگىلەپ، ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، نەتىجىگە ئېرىشتى. ليۇ فۇشەننىڭ تۈرتكىسىدە، شىياڭخەي ئەتراپىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر يىلتىز ئويما سەنئىتىگە قىزىقىپ قالدى، ھەتتا ئىلگىرى ئۇنىڭ بۇ ئىشىنى قوللىمايدىغان ئايالىمۇ ئەمدى ئۇنىڭ ياردەمچىسىگە ئايلاندى.
2010-يىلى ، ليۇ فۇشەننىڭ سېرىق قارىياغاچ يىلتىزى ئويما ئەسىرى «خەيرلىك يۈز تۇرنا» جىلىن ئۆلكىسىنىڭ ھۈنەر- سەنئەت جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان «جىلىن ئۆلكىلىك تۇنجى نۆۋەتلىك ھۈنەر- سەنئەت كۆرگەزمىسى» دە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. يىلتىز ئويما سەنئىتى ئاساسىدا ئۇ يەنە يىلتىز كىتاب يۈرۈشلۈك ئەسەرلىرى، يەنى موڭغۇل سېرىق قارىياغىچى يىلتىزىدىن ياسالغان خەتتاتلىق ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە «ئەجدىھا»، «ئۆمۈر»، «ئاق تۇرنا», «سېرىق قارىياغاچ» قاتارلىقلار ئېھتىياجنى قاندۇرالماي قالدى، ھەتتا ئۆلكە ئىچى ۋە سىرتىدىمۇ بازىرى ئىتتىك بولدى.
تۇڭيۈدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ليۇ فۇشەندىن باشقا يەنە بىر تۈركۈم ياغاچ ئويما ھەۋەسكارلىرى مەيدانغا كەلدى، ئۇلار «بەخت ئامەت يار بولغاي»، «قۇشلار سايرىشار بەس- بەستە»، «ئىشلار ئوڭغا تارتقاي»، «كۆككە قاراپ نەرە تارتىش»، «ئىناقلىق»، «قەلەمدان» قاتارلىق جېلىن ئۆلكىسىدە زور تەسىرگە ئىگە مۇنەۋۋەر ياغاچ ئويما ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. تۇڭيۈلىقلارنىڭ نەزىرىدە سېرىق قارىياغاچ توغرىسىدىكى رىۋايەت، شياڭخەيگە بولغان مېھىر- مۇھەببەت، ئۇزۇندىن بۇيان ۋارسلىق قىلىپ كېلىنىۋاتقان ئادەتلەر ئاشۇ نەپىس يىلتىز ئويما سەنئەت ئەسەرلىرىگە مۇجەسسلەملەنگەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى