قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 « ئالاقە تورى +» ئوتتەك قىزىتىۋەتكەن ساياھەتچىلىك

2018-05-16 18:36:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

2018- يىللىق جۇڭگو «1- ماي» بايرىمى مەزگىلىدە، «سادا» ئىسىملىك بىر قىسقا كۆرۈنمە چاستوتىلىق ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالى زور بىر تۈركۈم «توردىكى قىزىل مەنزىرە رايونى»لىرىنىڭ داڭقىنى چىقىرىۋەتتى. «شېچېڭ» ساياھەتچىلىكى يېقىندا «(1- ماي) ئون چوڭ تور قىزىل ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى»، چۇڭچىڭ خۇڭيا ئۆڭكۈرى، شىئەن يوڭشىڭفاڭ، جىنەن كۈەنخۇۋلى قاتارلىق «يېڭى مەنزىرىگاھ» لارنى ئېلان قىلغان بولۇپ، قىسمەن مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ساياھەتچى مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا % 300 ئاشقان. «ئالاقە تورى +» دېگەن تەشەببۇس تەدرىجىي ھالدا ساياھەتچىلىك ساھەسىدىكى ئېشىشنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بولۇپ قالدى.
چۇڭچىڭ جيالىڭجياڭ دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان، بايۈ ئەنئەنىۋى ئاسما بىناكارلىق قۇرۇلۇشىغا تەقلىدى قىلىنىپ تاغقا يۆلەپ سېلىنغان «خۇڭيا ئۆڭكۈرى» چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى قەدىمكىگە تەقلىد قىلىنغان سودا كوچىسى. گۇگۇم چۈشكەندە، تاغقا يۆلەپ سۇغا يېقىن سېلىنغان ئاسما بىنالارنىڭ چىراقلىرى چاقناپ، يىراقتىن قارىغاندا، خۇددى بىر ئاجايىپ- غارايىپ قەلئەگە ئوخشاپ قالىدۇ.
ئالدىنقى مەزگىلدە، «سادا» سۇپىسىدا «خۇڭيا ئۆڭكۈر مەنزىرىسى» توغرىسىدىكى نۇرغۇن قىسقا فىلىملەر تارقىتىلغان. بۇ كۆرۈنمە چاستوتا ساياھەتچىلەرنىڭ بىۋاسىتە كۈزىتىش ھېسىسياتىدىن كېلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا تەسىرلىك مۇزىكىلارنى قوشقاندا، مول بولغان تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ۋە نۇرغۇن تەسىراتلارنى پەيدا قىلىدۇ. «1- ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمىنىڭ 3 كۈنىدە، خۇڭيا ئۆڭكۈرى 140 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى جەلپ قىلغان. «ھەرە كۆنىكى ساياھەت تورى» چىقارغان «2018- يىلى 1- ماي بايراملىق قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئالدىنقى 10 قىزىق نۇقتىلىق سەيلىگاھ» ئارىسىدا، چۇڭچىڭ «خۇڭيا ئۆڭكۈرى» بېيجىڭ گۇگۇڭ سارىيىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن.
»توردىكى قىزىل مەنزىرە رايونى» غايەت زور پايدىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. چۇڭچىڭ گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شيېچېڭ گۇرۇھى بىرلىكتە ئېلان قىلغان «چۇڭچىڭنىڭ 1- ماي دەم ئېلىش ساياھىتىدىكى چوڭ سانلىق مەلۇمات دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە، «1 - ماي» دەم ئېلىشى مەزگىلىدە، چۇڭچىڭ كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ۋە ساياھەت ئومومى كىرىمى بۇلتۇرقىنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن % 21.6، % 30.5 ئۆسكەن.
توردىكى قىزىل مەنزىرە رايونى»نىڭ ئارقىسىدا يېڭى بىر ئەۋلاد ساياھەت ھەۋەسكارلىرى باش كۆتۈردى. شيېچېڭ چوڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل «1 - ماي» دەم ئېلىشىدا ساياھەتكە چىققان كىشىلەر توپى ئارىسىدا، «90- يىلدىن كېيىن» ۋە «2000- يىلىدىن كېيىن» تۇغۇلغانلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى % 35 كە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن % 8 ئاشقان. بۇ توپتىكىلەر «سادا» قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ ۋاستىلىرىنى چىن كۆڭلىدىن قوللايدىغان، ئىستېمالى تېخىمۇ ئەركىن ياشلار، شۇنداقلا تور ساياھەت سۇپىسىنىڭ سادىق قوللىغۇچىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
توردا ساياھەت قىلىش ھازىر بىر خىل يېڭى كەيپىيات بولۇپ قالدى. جۇڭگو ئالاقە تورى ئۇچۇر مەركىزى ئېلان قىلغان 41- قېتىملىق «جۇڭگو ئالاقە تورى تەرەققىيات ئەھۋالىدىن ئىستاتىستىكا دوكلاتى» غا ئاساسلانغاندا، 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، توردا ساياھەت زاكاس قىلغان ئابونت كۆلىمى 376 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، توردا ساياھەت زاكاس قىلىش يۇمشاق دېتالىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى % 48.7 پىرسەنتكە يەتكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى