قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگو تۇنجى قېتىم ئۆز ئالدىغا توپلاشتۇرۇپ ياسىغان دۇنيا دەرىجىلىك دېڭىز ئۈستى لەيلىمە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش ۋە قاچىلاش قۇرۇلمىسى P67 چىڭداۋدا برازىلىيەگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاپشۇرۇپ بېرىلگەن

2018-05-16 18:41:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

5- ئاينىڭ 16- كۈنى جۇڭگو دېڭىز- ئوكيان نېفىت گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو تۇنجى قېتىم ئۆز ئالدىغا توپلاشتۇرۇپ ياسىغان دۇنيا دەرىجىلىك دېڭىز ئۈستى لەيلىمە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش ۋە قاچىلاش قۇرۇلمىسى P67 چىڭداۋدا برازىلىيەگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. بۇ نۆۋەتتە جۇڭگو چەت ئەلگە ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بەرگەن قۇرۇلۇش مىقدارى ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇرەككەپ، تېخنىكا تەلىپى ئەڭ يۇقىرى بولغان دېڭىز ئۈستى لەيلىمە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش ۋە قاچىلاش قۇرۇلمىسى تۈرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈردە دېڭىز يۈزىدە نېفىت- تەبىئىي گازلارنى دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلاپ ئىشلىگىلى، زاپاس ساقلىغىلى ۋە سىرتقا توشۇغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۇ ئادەملەر توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا قوماندانلىق قىلىش سىستېمىسى بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال چوڭ تىپتىكى دېڭىز ئۈستى نېفىت- گاز ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، «دېڭىز ئۈستى نېفىت- گاز بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ قېتىم ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان P67 ناملىق پالۇبىنىڭ كۆلىمى ئۈچ ئۆلچەملىك پۇتبول مەيدانىچىلىك كېلىدۇ، سۇ چىقىرىش مىقدارى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيىگە يەتكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى