قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

3- نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يەرمەنكىسى بىلەن جۇڭگو شەرقىي- غەربىي قىسىم ھەمكارلىقى ۋە مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسى ئاخىرلاشتى

2018-05-16 18:43:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

3- نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يەرمەنكىسى بىلەن جۇڭگو شەرقىي- غەربىي قىسىم ھەمكارلىقى ۋە مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى شىئەندە ئاخىرلاشتى. يىپەك يولى خەلقئارا يەرمەنكىسى مەزگىلىدە، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ چېگرا ھالقىغان بىرلىشىپ ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش بويىچە ھەمكارلىق يىغىنى بىرلەشمە باياناتى» ماقۇللىنىپ، «2018- يىللىق يىپەك يولى سودا ھەمكارلىقى (شىئەن) يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئورتاق تونۇشى» ھاسىل قىلىندى، يىپەك يولى ئالىي مەكتەپلەر ئىتتىپاقى ئالەم قاتنىشى ئاۋىئاتسىيە تارماق ئىتتىپاقى قاتارلىق 11 «بىر بەلباغ، بىر يول» مائارىپ، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئاپپاراتى قۇرۇشنى باشلاپ، خەلقئارالىق ھەمكارلىق يېڭى بوشلۇقنى كېڭەيتىش قارار قىلىندى. بۇ قېتىمقى يىپەك يولى خەلقئارا يەرمەنكىسىگە قازاقىستان، ئەنگلىيە، مالايشىيا، فىلىپپىن قاتارلىق دۇنيادىكى 75 دۆلەت ۋە رايون، 52 موھىم سىياسىي ئەرباپ، 1900دىن ئارتۇق چەت ئەللىك مېھمان قاتناشتى، ئىقتىساد، مەدىنىيەت، پۇل مۇئامىلە، قانۇن، مائارىپ قاتارلىق 20 نەچچە ساھەگە چېتىلغان ۋە ياكى ئاساسىي تېما قىلىنغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرى، يىپەك يولى مائارىپ ھەمكارلىق ئالماشتۇرۇش يىغىنى، 2018- يىللىق يىپەك يولى خەلقئارا مەدەنىيەت كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق 40 نەچچە مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى