قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 2018- يىللىق جۇڭگو- لائوس ساياھەت ھەمكارلىق مۇنبىرى ۋە «ئادەتتىن تاشقىرى تەسەۋۋۇردىكى جۇڭگو» تېمىسىدىكى ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى لائوس پايتەختى ۋيېنتياندا ئۆتكۈزۈلدى

2018-05-16 18:44:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 2018- يىللىق جۇڭگو- لائوس ساياھەت ھەمكارلىق مۇنبىرى ۋە «ئادەتتىن تاشقىرى تەسەۋۋۇردىكى جۇڭگو» تېمىسىدىكى ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى 5-ئاينىڭ 15- كۈنى لائوس پايتەختى ۋيېنتياندا ئۆتكۈزۈلدى. تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ساياھەت ماركا لىنىيەلىرى كۆرگەزمە قىلىنىپ، لائوستىكى كەسپى ساھەدىكىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. نەق مەيداندا ئورۇندالغان بېيجىڭ تىياتىرى، چىرايىنى ئۆزگەرتىش، جانبازلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت نومۇرلىرى لائوسلۇق تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلدى، لائوس يەنە تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا ئۆزگىچە خەلق ئۇسسۇلى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئورۇنلاشتۇردى. جۇڭگو- لائوس ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017- يىلى ئىككى دۆلەتنىڭ ساياھەت ئالاقە كۆلىمى 1 مىليون ئادەم (قېتىم)غا يېقىنلاشقان بولۇپ، جۇڭگو لائوسنىڭ 3- چوڭ ساياھەتچى مەنبە دۆلىتىگە ئايلانغان.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى