قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

9- نۆۋەتلىك دۇنيا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە 8- نۆۋەتلىك دۇنيا ئايرو خانقىز بايرىمى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2018-05-16 18:46:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 9- نۆۋەتلىك دۇنيا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە 8- نۆۋەتلىك دۇنيا ئايرو خانقىز بايرىمى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى، جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، شەرق ئاۋىئاتسىيە شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگونىڭ كۆپلىگەن ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ تۈرگە ئايرىش رەت- تەرتىپىدە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولدى. دىققەتنى ئەڭ تارتىدىغان «دۇنيادىكى 10 چوڭ ئەڭ بىخەتەر ئاۋىئاتسىيە شىركىتى» تېزىملىكىدە، يېڭى زېلاندىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى چىمپىيونلۇقنى، سىنگاپور ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ۋە فىنلاندىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئىككىنچى، ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بۇ تېزىملىكتە بەشىنچى ئورۇندا تۇردى. «دۇنيادىكى ئون چوڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى» تىزىملىكىدە جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، شەرق ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ئايرىم ھالدا 4-، 5-، 7- ئورۇندا تۇردى، شېنجېن باۋئەن خەلقئارا ئايروپورتى «دۇنيادىكى ئون چوڭ گۈزەل ئايرودروم» دىگەن شەرەپكە ئېرىشتى، شياڭگاڭ ئايرودرومى شەرەپ بىلەن «دۇنيادىكى ئون مۇنەۋۋەر ئايروپورت» تېزىملىكىدە ئۇدا 9 يىل ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى