قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگو ساياھەت كۈنىدە «پۈتۈن رايون ساياھىتى، گۈزەل تۇرمۇش» باش تېما قىلىنىدۇ

2018-05-16 18:48:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

5- ئاينىڭ 19- كۈنى جۇڭگو ساياھەت كۈنى بولۇپ، بۇ قېتىمقى ساياھەت كۈنىدە «پۈتۈن رايون ساياھىتى، گۈزەل تۇرمۇش» باش تېما قىلىنىدۇ. بۇ كۈنى شىنجاڭنىڭ ساياھەت تارماقلىرى، ھەر قايسى مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرى ۋە ساياھەت كارخانىلىرى 150 نەچچە تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرىنى يولغا قويىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ 19- كۈنى، ئىلى ئوبلاستىدىكى نارات، قاراجولدىن ئىبارەت ئىككى «5 ئا» دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ۋە 16 «4 ئا» دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنىڭ بېلىتى ھەقسىز بولىدۇ. دۆلەتلىك «5 ئا» دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىدىن تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى، كۆكتوقاي مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلىتى يېرىم باھادا سېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىلى قازانچى، چاچى، تارىم مەنزىرە رايونى قاتارلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ، مېيىپلارغا ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش بويىچە نامرات ئائىلىلەر، مېيىپلاردىن كىرىش بېلىتىنى ئالمايدۇ. قۇمۇل شەيتانكەرىش مەنزىرە رايونى، ئاراتۈرۈك ناھىيەسىدىكى توغراقلىق قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە قاتناشقان ساياھەتچىلەردىن كىرىش بېلىتى ئالمايدۇ. «19- ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى»نىڭ ئالدى- كەينىدە، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىدە 90 نەچچە خىل باش تېما پائالىيىتى، 140 خىلغا يېقىن تارماق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى