قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يەپ بولالمايمىز

2018-05-16 18:53:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 قادىخان ئايالى بەختىگۈل بودەكنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ رېستۇراندىن ئىككى ئورۇن زاكاز قىپتۇ. رومانتىك شام يۇرۇقىدا قۇرۇمىلار يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن، تۇغۇلغان كۈن تورتى كەلتۈرۈلۈپتۇ. قادىخان دەپتۇ:
-قەدىرلىك رەپىقەم بەختىگۈل، بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ، 46 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن.
-نىمە دىدىڭىز؟
-ۋۇي ،ئىسىم قۇرۇسۇن، راست 26ياشقا كىرىپ 20يىل ئاشقان تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن.
-رەھمەت...
-ئازراق كۆڭۈل سۆزلىرىم بار.
-قېنى دەڭ.
-سەن بىلەن توي قىلغاندا 43 كىلو كىلەتتىڭ، مانا يېشىڭنىڭ قوشۇلۇشىغا ئەگىشىپ ئېغىرلىقىڭمۇ تەڭ قۇشۇلدى، مانا ھازىرا يىگەن ئىچكەندەك، سوقا- سەندەلدەك تۇرىسەن، مەنمۇ سېنى ياخشى بېقىپ سەمىرتەلىگىنىمدىن ئۆزەمدىن پەخىرلىنىمەن، سېنىڭ بودەكلىكىڭىدىن پەخىرلىنىمەن، ئۇنداق بولمىغاندا ئۆزەمنى ئەيىپلىگەن بولاتتىم.
-شۇ، بۇ جەرياندا ماڭا ھەرۋاقىت مەدەت بېرىپ تۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن، قادىخان.
-ياق، ياق ئۇنداق دىمە، مەن سېنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى تۇرۇشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنىمۇ سەمىرگىن.
-بولدى. ئەمدى ئاز يەپ ئورۇقلايمەن،
-ھە مەيلى، ئۇنداقتا بۇ تورتنى ئىككى پارچىغا بۆلەيمۇ ياكى تۆت پارچىغا؟
- ئىككى پارچىغىلا بۆلۈڭ، تۆت پارچىنى ئىككىمىز يەپ بولالماسلىقىمىز مۇمكىن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى