قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

زىراپە

2018-05-16 19:03:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

زىراپە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ئوتخور ھايۋان بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى تۆت مېتىردىن ئاشىدۇ. بەزى يېتىلگەن زىراپىلەرنىڭ ئېگىزلىكى ھەتتا يەتتە مېتىرمۇ كېلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان زىراپە بالىلىرىنىڭ ئېگىزلىكىمۇ ئىككى مېتىرغا يېتىدۇ. بۇنداق ئېگىزلىكنى ئىنسانلارغا سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.
  زىراپىنىڭ بويى ئېگىز بولغاچقا، دەريا بويىدا يېتىپ تۇرۇپ سۇ ئىچىش ئۇنىڭغا ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ، شۇڭا، ئۇ ئېگىز ئۆسكەن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇچىدىكى يۇمران يوپۇرماقلارنى يېىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ خىل يۇمران يوپۇرماقلارنىڭ سۇ مىقدارى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىنى قامدايدۇ.
  زىراپە تۇغما «گاچا» بولۇپ، ئۇلار ئاۋاز ئارقىلىق ئالاقىلىشالمايدۇ، پەقەت قۇيرۇقىنى تولغاش ئارقىلىق ئۆز- ئارا پاراڭلىشالايدۇ.
زىراپىنىڭ بەدىنى قوڭۇر رەڭلىك ئالا- چىپار داغلاردىن تۈزۈلگەن. بۇ چىپار داغلارنىڭ بەزىلىرى تاياقچىغا، بەزىلىرى چىشلىق چاققا ئوخشايدۇ. بۇ داغلار خۇددى ئادەمنىڭ بارماق ئىزىغا ئوخشاش مۇرەككەپ بولىدۇ. بۇ داغلار زىراپىنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆزگەرمەيدۇ. بەلكى بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ بارىدۇ. بۇ داغلارنىڭ ئوخشىماسلقىغا قاراپ، زىراپىلەر ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. بۇ داغلار يەنە ئۇلارنى قوغداپ، دۈشمەنلىرىنىڭ ئۇلارنى بايقاپ قېلىشىدىن ساقلايدۇ.
  زىراپىنىڭ تىلى ئۇزۇن ھەم يۇمشاق بولۇپ، «ئۇزۇن تىل» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەڭ ئۇزۇن چىقارغاندا ئادەمنىڭ بېلىكىدەك ئۇزىرايدۇ. ئۇ دەرەخ شاخلىرى ۋە يوپۇرماقلىرىنى ئاغىزىغا تىلى بىلەن يۆگەپ ئەكىرىپ يەيدۇ.
  زىراپە ئۇخلاش ئالدىدا بويىنىنى بۇراپ، ئالدى ئىككى پۇتىدا يۈكۈنۈپ، ئارقا ئىككى پۇتىنى ئالدىغا ئېگىپ يەردە ئولتۇرۇپ ئۇخلايدۇ. ئۇنىڭ بوينى مىدىرلىمىسا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى