قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋۇ جىيۈنلەرنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى

2018-05-16 13:43:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

5-ئاينىڭ 16-كۈنى نەشىر قىلىنغان شىنجاڭ گېزىتىدە ئاقچى ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى رازىيە ئىسمايىل، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى (سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى)نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ خۇەنجياڭ سېلىنما پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە لېدىرى ۋۇ جىيۈنلەرنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى.
  رازىيە ئىسمايىلنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆز ئەۋزەللىكىم ۋە رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى»، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار ئىش-ئىزلارنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىمەن. ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇل ئارقىلىق دىننى تونۇش ۋە توغرا مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىننىڭ سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشىغا پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا پائال يېتەكلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن. ھەر مىللەت كادىر- ئاممىنى ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ سادىق مۇھاپىزەتچىسى ۋە قەتئىي قوغدىغۇچىسى بولۇشقا يېتەكلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچىلەر»گە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيمەن.
ۋۇ جىيۈننىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاز سانلىق مىللەت كارخانىچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، دېققەتنى باش نىشانغا قارىتىپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. كارخانىدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ماركسىزىملىق «بەش قاراش»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «بەش تونۇش»نى ئۈزۈكسىز كۈچەيتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، بايرىقى روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەننى پارچىلاشقا، مۇقىملىقنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچىلەر»گە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، قاتتىق زەربە بېرىشكە تەربىيەلەپ يېتەكلەپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كارخانىچىلارنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى