قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«قانچە تىرىشسام، تۇرمۇشۇم شۇنچە بەختلىك بولىدۇ»

2018-05-17 13:26:51     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇخبىرىمىز لۇ يەن خەۋەر قىلىدۇ: چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا يېزىسى ئۇقادي كەنتىدە يېقىندا مەڭلىك توختىروزىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇ ھېكايىسىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: قانچە تىرىشسام، تۇرمۇشۇم شۇنچە بەختلىك بولىدۇ، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقىممۇ شۇنچە ئاشىدۇ. 

 بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەن مەڭلىك توختىروزى ئىشچان دېھقان بولۇپ، كەنتتە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاران 1.4 مو بولغاچقا، تېرىقچىلىققا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقى ئۇنىڭغا ناھايىتى ئېنىق ئىدى. شۇڭا ئۇ 1995 - يىلىدىن باشلاپ ئۆرۈك مېغىزى پىششىقلاش تىجارەت يولىغا ماڭدى. 2006- يىلى ئۇ يېزا قۇرۇلۇشىدا سودا پۇرسىتى بارلىقىنى تونۇپ يېتىپ، قۇرۇلۇش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، قۇرۇلۇش ھۆددە ئېلىپ ئىشلىدى. 2009- يىلى مەڭلىك توختىروزى پارنىك تېرىقچىلىقىدا كىرىمنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، قۇرۇلۇش ھۆددە ئېلىشتىن باشقا يەنە پارنىك تېرىقچىلىقىغا تۇتۇش قىلدى. شۇ يىلى ئۇ كەنتتىكى 17 چوڭ پارنىكنىڭ ئۈچىنى باشلامچى بولۇپ ھۆددە ئېلىپ، پارنىكلىرىغا لازا، شوخلا، جۈسەي، بەسەي تېرىدى. ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ ئۆيدە بىكار ئولتۇرماي، بۇلتۇردىن باشلاپ ناھىيە بازىرىدا راڭپىزا دۇكىنى ئاچتى. 

 دەسلىپىدە ئۇنىڭ ھېچنېمىسى يوق ئىدى. كېيىن ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ئاندىن ئاپتوموبىل سېتىۋالدى، مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئۆيىدە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەممىسى بار بولدى، مەڭلىك توختىروزى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى. 

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالغىنىدا، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەمىزنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى، پارنىك تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋېدىم، پارنىك ھۆددە ئېلىشقا كېتىدىغان 40 مىڭ يۈەننىڭ 12 مىڭ يۈەنىنى ھۆكۈمەت كۆتۈرۈۋەتتى، ھۆكۈمەت يەنە ئەمىن ئۆي سېلىشىمغا 28 مىڭ 500 يۈەن تولۇقلىما بەردى. كەنتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ماڭا ۋە كەنتتىكىلەرگە قۇرۇلۇشتا ئىشلەيدىغان ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەردى. 

 مەڭلىك توختىروزىنىڭ يىرىك بىر جۈپ قولى ئۇنىڭ تىرىشىپ ئىشلىگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئىدى. 

 ھازىر مەڭلىك توختىروزى ئالدىراش بولۇپ، ئىككى قەۋەتلىك بىر قۇرۇلۇش سېلىۋاتىدۇ. بۇ توققۇز دۇكاننىڭ بىرىنى راڭپىزا سېتىش تارماق دۇكىنى قىلغاندىن باشقا، باشقىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىجارىگە بېرىشنى پىلانلىدى. مەڭلىك توختىروزى مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ دۇكان سالدىم، بۇنىڭ بىلەن كەنتتىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. 

 قەلبى مىننەتدارلىققا تولغان مەڭلىك توختىروزى يۇرتداشلىرىنىڭمۇ بېيىشىغا ياردەم بېرىشنى ئۇنتۇمىدى. ئۇ يۇرتداشلىرىغا كۆكتات تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، بۇ يىل ئۇ پارنىكىدىكى جۈسەيلىرىنىڭ ھەممىسىنى كەنتتىكىلەرگە تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كۆكتات تېرىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا مەدەت بەردى. كىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ئۇ ئالدى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ياردىمىنى ئايىمىدى. بۇ كەنتتىكى مەمەتجان ئىبراھىم قەرز ئالغان پۇللىرىنى قايتۇرالماي كەتكەنىدى. مەڭلىك توختىروزى ئۇنى ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇش ئەترىتىدە 5000 يۈەن ئايلىق ئىش ھەققى بىلەن ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇردى، مەمەتجان ئىبراھىمنىڭ خوتۇنى ئۇلارنىڭ راڭپىزا دۇكىنىدا 1500 يۈەندىن 1800 يۈەنگىچە ئىش ھەققى بىلەن ئىشلىدى. شۇنداق قىلىپ مەمەتجان ئىبراھىم ئەر- خوتۇن تېزلا قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋالدى. 

 مەڭلىك توختىروزى كەنت مەدەنىيەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، دائىم ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. مەڭلىك توختىروزىنىڭ يېتەكلىشىدە ئۇنىڭ 23 ياشلىق ئوغلى پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى يازدى. ئۇنىڭ يەنە تولۇق ئوتتۇرا ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىككى ئوغلىنى ئالىي مەكتەپتە، ھەتتا دوكتورلۇققىچە ئوقۇتۇش ئارزۇسى بار. 

 مەڭلىك توختىروزى كېيىنكى پىلانلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگو پۇقراسى، تېزرەك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىپ، ۋەتەن چوڭ ئائىلىمىز ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىمەن.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى