قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دەۋرنىڭ ئارقىدا قېلىشنى خالىماي ئالغا ئىلگىرىلىگەن ــ ۋاڭ يىفىي

2018-05-17 18:52:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋاڭ يىفېي 1898- يىلى 11- ئاينىڭ 17- كۈنى تۇغۇلغان. 1910- يىلى، شاۋشىڭ شەنخۇي باشلانغۇچ دەرىجىلىك پىداگوكىكا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن؛ 1919- يىلى، «4- ماي» ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە، شاڭخەيگە بېرىپ، ئىنقىلاب ھەقىقىتىنى ئىزدەپ، ئىنقىلابىي مۇساپىسىنى باشلىغان.
1921- يىلى، ۋاڭ يىفېي سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، موسكۋا شەرق داشۆسىدە ئوقۇغان. 1922- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولغان ھەم جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقى موسكۋا ياچېيكىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان. 1924- يىلى 6- ئايدا، ۋاڭ يىفېي موسكۋادا ئېچىلغان ياشلار خەلقئارا ئىنتېرناتسىئونال (ئۆسمۈرلەر خەلقئارا ئىنتىرناتسىئونال) نىڭ 4- قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. شۇ يىلى 7- ئايدا، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىلى سالاھىيىتى بىلەن موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا  ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 5- قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان.
ۋاڭ يىفېي دۆلەت ئىچىدىكى ئىنقىلابى كۈرەش ۋەزىيىتىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن 1925- يازدا، پارتىيەنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىدا خىزمەت قىلغان، ئۇزاق ئۆتمەي يەنە شاڭخەي رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولۇپ، شاڭخەي ۋە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە ئىشلىرى خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان.
شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيەسى جياڭشى جەڭ مەيدانىدا مىلىتارىست سۈن چۈەنفاڭنىڭ قىسمى بىلەن كەسكىن جەڭ قىلىۋاتقاندا، ۋاڭ يىفېي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەربىي ئىشلار خاس ۋەكىلى سالاھىيىتى بىلەن جياڭشىغا بېرىپ، ئالدىنقى سەپنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيەسىنىڭ داۋاملىق يۈرۈش قىلىش فاڭجېنى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا قارىتا يولغا قۇيۇشقا بۇلىدىغان تەكلىپلەرنى بەرگەن.
1927- يىلى 1- ئايدا ۋاڭ يىفېي شاڭخەيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جۇ ئېنلەينىڭ رەھبەرلىكىدە، شاڭخەي ئىشچىلىرىنىڭ 3- قېتىملىق قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىگە جىددىي تەييارلىق قىلغان.
 شۇ يىلى 10- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋاڭ يىفېي ۋە لو يىنوڭنى چاڭشاغا بېرىپ، جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيەسى خۇنەن ئۆلكىلىك كومىتېتىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشكە مەسئۇل بولۇشقا ئەۋەتكەن ھەمدە ۋاڭ يىفېينى جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيەسى خۇنەن ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلىگەن. مەركەزنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكوم چاڭشا قوزغىلىڭى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان. ۋاڭ يىفېي باش قوماندان بولغان.
12- ئاينىڭ 10- كۈنى چاڭشا قوزغىلىڭى پارتلىغان. لېكىن، دۈشمەن بىلەن بولغان كۈچ پەرقى بەك زور بولغاچقا، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. 1928- يىلى 1- ئاينىڭ 11- كۈنى خائىننىڭ ساتقىنلىقى بىلەن، ۋاڭ يىفېي بەختكە قارشى قولغا ئېلىنغان. 1- ئاينىڭ 18- كۈنى، ۋاڭ يىفېي قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

  تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى