قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چىلان ئاچچىقسۇنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان، 90- يىللاردا تۇغۇلغان مۇساجان مۇنىيازنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ھىكايىسى

2018-05-17 18:56:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئاچچىقسۇ پەقەت تەم تەڭشىگۈچ. ئەمما، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى 90- يىللاردا تۇغۇلغان مۇساجان مۇنىياز ۋە ئۇنىڭ ھەمكارلىق شىرىكى لىن لىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن. 
مۇخبىر ئونسۇ ناھىيەسى ۋېيلې يېڭى يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، مۇساجان مۇنىياز ۋە لىن لىنىڭ 20 توننا زاكاز ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.
مۇساجان مۇنىياز ئىلگىرى ئاچچىقسۇ ئىچىتاتتى. ئۇ ئىزچىل تىجارەتنى كېڭەيتىشنى ئارزۇ قىلاتتى. 26 ياشقا كىرگەندە، مۇساجان مۇنىياز ئاچچىقسۇ زاۋۇتى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتتى. ئەمما، بازىرى كاساتلىشىپ، ئاچچىقسۇ زاۋۇتىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىشقا مەجبۇر بولدى. مۇساجان مۇنىياز ئۆز ئىرادىسىدىن ۋاز كەچمەي، ئاقسۇ شەھىرىگە بېرىپ داۋاملىق بازار ئاچتى.
ئاقسۇ شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق لىن لىمۇ ئاچچىقسۇ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرغان بولۇپ، 2017- يىلى مەبلەغ زەنجىرى ئۈزۈلۈپ قىلىپ، شىركەتنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. دوستلارنىڭ ياردىمىدە، ئىككەيلەن تونۇشۇپ، بىرلىكتە قايتىدىن ئىگىلىك تىكلەشنى قارار قىلدى. مۇساجان مۇنىياز مۇنداق دېدى:- تونۇشقاندىن كېيىن بىزدە ئورتاق ھەمكارلىشىپ زاۋۇت قۇرۇش ئىدىيەسى پەيدا بولدى. لىن لى ئاچام ھۆكۈمەتنىڭ ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىدىغان 300 مىڭ يۈەن قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىشىمغا ياردەم بەردى.
ھۆكۈمەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قەرز پۇلىنىڭ ياردىمىدە، ئۇلارنىڭ شىركىتى ناھايىتى تېزلا قۇرۇلدى. ئۇلار ئىلگىرى مەغلۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى زاۋۇتنىڭ ئەنئەنىۋى رېتسىپىنى بىرلەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتى چىلانغا تايىنىپ، بازار ئىگىلەش نىسبىتى تۆۋەن بولغان چىلان ئاچچىقسۇ ئىشلەپچىقارماقچى بولدى. ئەمما، ئەمەلىي تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشتا ئۇلار نۇرغۇن قېيىنچىلىققا يولۇقتى. مۇساجان مۇنىياز مۇنداق دېدى:- بىرىنچى قېتىم تەجرىبە قىلىپ ئىشلەپچىقارغان چىلان ئاچچىقسۇنىڭ تەمى ۋە سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلدى. ئىككىنچى قېتىممۇ ئوخشاش بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۈچىنچى قېتىمدىن باشلاپ ئىچكىرىدىكى تېخنىكلارنى يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدۇق.
يېرىم يىلغا يېقىن تىرىشىش ئارقىلىق، چىلان ئاچچىقسۇ ئاخىرى تەتقىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىلىپ، بازار تاپتى. بۇنىڭ بىلەن مۇساجان مۇنىياز ۋە لىن لىنىڭ قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى. پىياز، سامساق، زەنجىۋىل ئاچچىقسۇ، ھەسەل ئاچچىقسۇلىرى كەينى- كەينىدىن بازارغا سېلىندى. مەھسۇلات ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بارلىق ناھىيە، شەھەر، يېزا- بازارلىرىنى قاپلىدى. ئاچچىقسۇ زاۋۇتىنىڭ بۇلتۇرقى سېتىش مىقدارى 300 توننىغا يەتتى. بۇ يىل مىڭ توننا ئىشلەپچىقىرىش پىلانلاندى. مۇساجان مۇنىياز مۇنداق دېدى:- بەختلىك تۇرمۇش كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. بىز بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تىرىشىپ، ئەڭ ياخشى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ، شىركىتىمىزنى تېخىمۇ زورايتىمىز ۋە قۇدرەت تاپقۇزىمىز.

تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى