قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتا يېڭى كەيپىيات ياراتتى

2018-05-18 16:38:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چۆچەك شەھىرى «نومۇر خاتىرىلەش تۈزۈمى» بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويدى
 

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ۋېن بو، جاڭ مېي خەۋەر قىلىدۇ: «كىچىك قىزىل بايراققا ئېرىشىش مەيدىسىگە چوڭ قىزىلگۈل تاقىغاندىنمۇ بەك خۇشاللىنارلىق ئىش! » 4- ئاينىڭ 23- كۈنى چۆچەك شەھىرى قاراقاباق يېزىسى ئابلا كەنتى ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ شىنشېڭ ئۆزى ئېرىشكەن ئۈچ قىزىل بايراققا قاراپ بۆلەكچىلا خۇشال بولدى. 

 كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسىدا پارتىيە ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى، كەنت ئاھالىسىنى نومۇر خاتىرىلەپ باشقۇرۇش بويىچە باھالاش تاختىسى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا قويۇلغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىسىم- فامىلىسىنىڭ كەينىگە كىچىك قىزىل بايراقلار چاپلانغانىدى. 

 چۆچەك شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ پېيگاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چۆچەك شەھىرى بۇلتۇردىن باشلاپ پۈتۈن شەھەردىكى كەنت، مەھەللىلەردە نومۇر خاتىرىلەپ باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى، ئاممىنى ھەر ئايدا باھالاپ، قىزىل بايراق بىلەن مەدەت بېرىش، سېرىق چىراغ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئىلغارلارنى رىغبەتلەندۈرگەن، ئارقىدا قالغانلارغا ھەيدەكچىلىك قىلغان. باھالاپ نومۇر خاتىرىلەشنىڭ مەزمۇنى خىزمەت ئىپادىسى، تەربىيەلەش- يېتىشتۈرۈش، مۇقىملىقنى قوغداش، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش، قانۇن- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ئايدا 80دىن يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەنلەرگە قىزىل بايراق بېرىلىدىكەن، 60تىن تۆۋەن نومۇر ئالغانلار سېرىق چىراغ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلىدىكەن. ھەرئايدا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى نومۇر خاتىرىلەپ باھالاش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىدىكەن ھەم ئۇنى پارتىيە ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرىنى يىل ئاخىرىدىكى باھالاش، ئۈنۈم مائاشىنى ھېسابلاش، ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاشنىڭ ئاساسى قىلىدىكەن. 

 چۆچەك شەھىرىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى تۇگۇڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى يېقىندا پارتىيە ئەزالىرى چوڭ يىغىنى ئاچتى. يىغىندا پارتىيەلىك كادىرلار كەنت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن بەس- بەستە ئەقىل كۆرسەتتى. 

 پارتىيە ئەزاسى سۈن رۈيگو يىغىندىن كېيىن باشقىچىلا خۇشال بولدى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان كەنت ئىگىلىكىنى زورايتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى قوبۇل قىلغانىدى، بۇ نومۇر خاتىرىلەپ باھالاشتا نومۇر قوشۇلىدىغان تۈر ئىدى. بىراق پارتىيە ئەزاسى ياڭ شياۋخۇ ئانچە خۇشال بولالمىدى، چۈنكى ئۇ ئالدىنقى قېتىمقى كوللېكتىپ پائالىيەتكە قاتناشمىغان، رۇخسەتمۇ سورىمىغانىدى، شۇڭا كەنتنىڭ بىرىنچى شۇجىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جارقىن شارىپقان ئۇنى ئېلىپ قېلىپ، مۇشۇنداق ئىش يەنە يۈز بەرسە، سېرىق چىراغ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىمىز، دەپ ئەسكەرتكەنىدى. 

 تۇگۇڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شىڭدۇڭ مۇنداق دېدى: كەنتنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىش قىلسىلا، باھالاشتا نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ. بۇلتۇر بىرنەچچە پارتىيە ئەزاسىنىڭ نومۇرى يۇقىرى بولغاچقا، زاپاس كادىرلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. ھازىر كۆپچىلىك كەنتنىڭ ئىشلىرىنى تالىشىپ قىلىدىغان بولدى.  تۇگۇڭ كەنتى بۇ يىل ئەتىيازدا كەنت ئاھالىلىرىنى چوڭ تازىلىققا تەشكىللىدى، كەنتنىڭ ئۈندىدار توپىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئەتىسى 400گە يېقىن كەنت ئاھالىسى تازىلىققا ئاكتىپ قاتناشتى. كەنت ئاھالىسى لياڭ جىجيې مۇنداق دېدى: باھالاش تاختىسى شەرەپ تاختىسىغا ئوخشايدۇ، ھازىر كۆپچىلىك ئاكتىپلىق بىلەن نومۇر ئېلىش، قىزىل بايراققا كۆپ ئېرىشىش ئۈچۈن بەسلىشىدىغان بولدى.

  ھازىر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ تەسىراتى شۇكى، كەنت كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقى ئېشىپتۇ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى كۈچىيىپتۇ، كەنتنىڭ كەيپىياتى ياخشىلىنىپتۇ. 

 ۋاڭ پېيگاڭ مۇنداق دېدى: نومۇر خاتىرىلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئېڭى ئۆسۈپلا قالماي، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىمۇ ئاشتى. نومۇر قويۇپ باھالاش تۈزۈمى جاسارەتنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى كەيپىيات يارىتىپ، ئۇيۇشۇشچانلىقنى كۈچەيتتى، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى