قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2018-05-18 16:42:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد- ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:
يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 5- ئاينىڭ 16- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد- ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد- ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ۋە جايلار، ئالاقىدار تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى ياخشى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭچە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. 

 شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد- ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يېڭى دەۋردىكى ئىقتىساد- ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇنداق تۆت تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: 

 بىرىنچى، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىشكە كۈچەپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئەۋزەل ئۆزگىچە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋە زورايتىش كېرەك. تۆۋەن دەرىجىلىك، ئۈنۈمسىز تەمىنلەشنى زور كۈچ بىلەن تۈگىتىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە شاللىۋېتىپ، بولۇپمۇ پولات- تۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، سېمونت قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئوشۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھەل قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، قايتا باش كۆتۈرۈشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» نەتىجىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك. 

 ئىككىنچى، ئەۋزەل ئۆزگىچە كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش سانائىتى، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇش كەسپى، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ئەۋزەل ئۆزگىچە كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بېرىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. 

 ئۈچىنچى، تېغى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق، قار- مۇزمۇ بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېشىل تەرەققىيات، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەش كېرەك. 

 تۆتىنچى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى پائال يېتىشتۈرۈش كېرەك. رەقەملىك كەسىپلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، يېڭى ۋە كونا قۇۋۋەتنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 

 ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى