قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىر ئۆمرىدە ئىنقىلابقا سادىق بولغان-- جاڭ شۇپىڭ

2018-05-18 13:05:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جاڭ شۇپىڭ 1897- يىلى، شۇ جايدىكى بىر ئادەتتىكى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
  جاڭ شۇپىڭ 1917- يىلى،  تەييۈەن سەنشى ئۆلكىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ، تەرەققىيپەرۋەر ياشلاردىن ۋاڭ جېنيى، گاۋ جۈنيۈ، خې چاڭ قاتارلىقلارنىڭ تەسرىگە ئۇچراپ، ماركىسىزم تەلىماتىغا نىسبەتەن كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا بولۇپ، دۆلەتنى قۇتقۇزۇش يولى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. 1919- يىلى، «4- ماي» ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1923- يىلى، ئۇ جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا؛ 1924- يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان. شۇ يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەييۈەن ياچېيكىسى قۇرۇلغاندا، جاڭ شۇپىڭ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلانغان. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىمالىي رايونلۇق كومىتېتىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، خىزمەتلەرنى پائال قانات يايدۇرغان. قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ جىننەن، جىنجۇڭ، جىنبېي قاتارلىق ئون نەچچە ناھىيەدە پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنى قۇرغان.
  1925- يىلى، «30- ماي» ھەرىكىتى پارتلىغاندىن كېيىن، جاڭ شۇپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەييۈەن ياچېيكىسى سەنشى خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مەدەت بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. 1925- يىلى قىشتا، مەملىكەت بويىچە ئىنقىلاب دولقۇنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن، كادىرلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان مەزگىلدە، جاڭ شۇپىڭ شاڭخەيگە بېرىپ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شاڭخەي ياڭپۇ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ، شاڭخەي ئىشچىلىرىنىڭ ئۈچ قېتىملىق قوراللىق قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، شاڭخەي ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن.
  1927- يىلى، جياڭ جيېشى «12- ئاپرېل» ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغىغاندىن كېيىن، جاڭ شۇپىڭ خاڭجۇغا يۆتكىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جېجياڭ ئۆلكىلىك كومىتېتنى قۇرۇش تەييارلىق خىزمىتىنى ئىشلىگەن. 1927- يىلى 6- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جېجياڭ ئۆلكىلىك كومىتېتى قۇرۇلغاندا، جاڭ شۇپىڭ تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قوشۇمچە ئىشچىلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان، ئارقىدىنلا  ئۆلكىلىك كومىتېتنىڭ خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. بىراق، ئۇزۇن ئۆتمەي، خائىننىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
  قاماقتا دۈشمەنلەر ئۇنىڭغا تۈرلۈك رەھىمسىز جازالارنى قوللانغان بولسىمۇ، ئۇ باشتىن- ئاخىر يەنىلا باش ئەگمەي، پارتىيەنىڭ مەخپىيىتىنى چىڭ ساقلىغان.  1928- يىلى 1- ئاينىڭ 20- كۈنى يېرىم كېچىدە، جاڭ شۇپىڭ باتۇرلارچە قۇربان بولغان، شۇ چاغدا ئۇ 31 ياشتا ئىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى