قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېڭىلىق يارىتىش ماھىرى جاڭ شەنيۇڭ

2018-05-18 13:18:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
  باي ناھىيەلىك «جوڭتەي» كۆمۈرنى كوكسلاشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىنژېنېرى جياڭ شەنيوڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئەستايىدىل قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، دادىل يېڭىلىق ياراتتى.
  باي ناھىيىلىك «جوڭتەي» كۆمۈرنى كوكسلاشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ «جياڭ شەنيوڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى» دا، ئىنژېنېر جياڭ شەنيوڭ يېڭى خادىملارغا شىركەتنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ يېڭى پەن- تەتقىقات نەتىجىسى - - شامال كۈچىگە تايىنىپ تازىلاش ئەسۋابىنى تونۇشتۇرىۋاتاتتى. بۇ تېخنىكا ھەر يىلى كارخانىغا 2 مىليون يۈەن تېجەپ بەردى.
  10 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كانچىلىق داشۆسىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان جياڭ شەنيوڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن مەكتەپتە قالسا بۇلاتتى. ئەمما، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن باي ناھىيەسىدە خىزمەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا بۇ شىركەت يېڭى قۇرۇلغان بولغاچقا، تەرەققىيات بوشلۇقى نىسبەتەن كەڭ ئىدى، بىلىمىم ئارقىلىق ياخشى تەرەققىي قىلالايتىم.
  شۇ چاغدا، باي ناھىيىلىك «جوڭتەي» كۆمۈرنى كوكسلاشتۇرۇش چەكلىك شىركىتى پەن- تەتقىقات ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە بىرقەدەر كەينىدە قالغان ئىدى. جياڭ شەنيوڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر كۈنى نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش، سېستىما قۇرۇلمىسىنى لايىھەلەشتىن باشقا، يەنە نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھنىنى كۆمۈر گازىدىن ئالكوگول ئىشلەپچىقىرىش، كوكىس كۆمۈر گازىنى گۈڭگۈرتسىزلەندۈرۈپ، ئاممىياك يىغىۋېلىش ھۈنەر- سەنئىتى جابدۇقلىرى تېخنىكىسى قاتارلىق ئون نەچچە پەننى ئۆگەندى. خىزمەتداشلىرىنىڭ نەزىرىدە، ئۇ ئەسلىدىكى كىتابخۇماردىن تەرەققىي قىلىپ، ھازىر تېخنىكا مەستانىسى بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ ئىگىلىگەن نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئۈزۈكسىز ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، چۈشەنمىگەن نوقتىلىرىنى نەق مەيدانغا بېرىپ جاۋاب ئىزدىدى، يەنە بىرىنچى سەپتىكى خادىملاردىن سوراپ تەلىم ئالدى. سەككىز ئايدىن كۆپرەك ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، 2009- يىلى، شىركەتنىڭ تۇنجى پاتېنت ھوقوقىغا ئىگە تەتقىقات تۈرىنى تاماملىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە باي ناھىيەسىنىڭ پاتېنت تېخنىكا جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇردى. جياڭ شەنيوڭ مۇنداق دېدى: ھەرقانداق خىزمەتتە پەقەت بەدەل تۆلىگەندىلا ئاندىن نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ. مەن ۋە خىزمەتداشلىرىمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشىم مەندە بىر خىل مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى پەيدا قىلدى. بۇ مېنىڭ ئۈزۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشىمغا مەدەت بېرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ.
  بۈگۈنكى كۈندە، جياڭ شەنيوڭنى شىركەتتىكى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق «چولپان» دېيىشكە بولىدۇ. ھازىرغا قەدەر، جياڭ شەنيوڭ 20 نەچچە تۈرلۈك پاتېنت ئىلتىماس قىلىشقا قاتناشتى، يادرولۇق تېخنىكا ژۇرنالىدا 30 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى، شىركەتكە 10 مىليون يۈەن ئۈنۈم يارىتىپ بەردى. 2016- يىلى، شىركەت مەخسۇس «جياڭ شەنيوڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى» قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش قوشۇنىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. جياڭ شەنيوڭ مۇنداق دېدى: كۈرەش قىلىش قانداق قىلىپ ئىلغارلاردىن بولۇشقا تىرىشىش جەريانى. يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چېكى بولمايدۇ، كېيىنكى قەدەمدە بۇ كوللىكتىپنى يېتەكلەپ، مەۋقەنى كەسىپكە قارىتىپ، يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ، مەھسۇلاتلار سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە تىرىشىمەن. مانا بۇ بىزنىڭ داۋاملىق تىرىشىش نىشانىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى