قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى 2018-يىللىق كەسپىي مائارىپ پائالىيىتى ھەپتىلىكى ئۆتكۈزدى

2018-05-20 17:42:36     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

 

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 109-ئوتتۇرا مەكتەپ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى لى ئەننى ماشىنا ئالدىدا مەشغۇلات قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئېكىسكۇرسىيە ئارقىلىق، مەن «كەسىپ» توغرىسىدا يېڭى چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم، ماھارەت ئۆگۈنۈش بولسا بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشىمىزنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى ئىكەن.

ئۈرۈمچى شەھىرى 2018-يىللىق كەسپىي مائارىپ پائالىيىتى ھەپتىلىكى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى كەسپىي ئالىي مەكتەپلەر ئۆز مەكتىپىدىكى سەنئەت بايرىمى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىن مەسلىھەت بېرىش يىغىنى، يۈز كۆرۈشۈش يىغىنى، ئۇنىۋېرسال ماھارەتنى ھېس قىلدۇرۇش پائالىيىتى قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئاتا-ئانىلار، مەھەللە ئاھالىلىرى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قاتارلىق ھەر ساھەدىكىلەرنى مەكتەپكە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارغا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىگەن بۇيۇملىرىنى ۋە باشقا ئەسەرلىرىنى نامايان قىلدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ زوڭجىياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق كۆپچىلىككە نەق مەيداندا كەسىپنىڭ سېھرىي كۈچى، كەسپىي مائارىپ بىلەن تۇرمۇشتىكى لازىملىق نەرسىلەرنىڭ ئۆز-ئارا زىچ مۇناسىۋىتىنى ھېس قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكىلەرنى ئەمگەكنى ھۆرمەتلەش، تېخنىكا ماھارىتىنى قەدىرلەش، كەسپىي مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشكە ئىلھاملاندۇردۇق.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

 

 

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى