قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 داڭلىق ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى-- گو لياڭ

2018-05-21 12:24:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1916-يىلى، گو لياڭ چاڭشا شەھەرلىك «چاڭجۈن» ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1920-يىلى كۈزدە، خۇنەن ئۆلكىلىك1- پېداگوگىكا شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. ماۋ زېدۇڭ ئەينى ۋاقىتتا خۇنەن ئۆلكىلىك1- پېداگوگىكا شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئىش باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقاندا، گو لياڭ دائىم ماۋ زېدۇڭنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان. كېيىن ماۋ زېدۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، گو لياڭ شىنمىڭ جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان. 1921-يىلى، گو لياڭ ماۋ زېدۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان.
پارتىيەگە كىرگەندىن كېيىن، گو لياڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خۇنەن ئۆلكىلىك ئىشچىلار ئۆمىكى بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىش بېجىرگۈچىسى، باش ئىش بېجىرگۈچىسى، خۇنەن ئۆلكىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خۇنەن ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك پارتكوم  ئىشچىلار ھەرىكىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ، داڭلىق ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ داھىسى بولۇپ قالغان. 
1922-يىلى 8-ئايدا، گو لياڭ خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ يۆياڭ شەھىرىگە تۆمۈر يول ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتىلگەن، 9-ئايدا تۆمۈر يول ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ ئىشچىلارنى خارلىشىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ ئىشچىلارغا باشلامچىلىق قىلىپ رېلىس ئۈستىدە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن گۇاڭجۇ-خەنكو تۆمۈر يول ئىشچىلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشىنى قوزىغان.      

   1927-يىلى 5-ئايدا، گو لياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك   5-قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا سايلانغان. ئۇزاق ئۆتمەي، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇۋەققەت شۇجىلىقىغا سايلانغان. چوڭ ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، گو لياڭ  خې لوڭ 20 -جۈنىنىڭ سىياسىي خىزمىتىنى قىلىپ، قىسىم بىلەن بىللە «1-ئاۋغۇست» نەنچاڭ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 1928-يىلى1-ئايدا، گو لياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خۇنەن، خۇبېي، جياڭشى چېگرا رايونلۇق ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىنى ئۆتەپ، يۆياڭ شەھىرىگە بېرىپ قوراللىق قوزغىلاڭنى تەشكىللىگەن.  1928-يىلى، 3-ئاينىڭ27-كۈنى، خائىنلار چېقىپ قويغاچقا، گو لياڭ يۆياڭ شەھىرىدە قولغا ئېلىنىپ، ئەتىسى چاڭشا شەھىرىگە يالاپ ئېلىپ بېرىلىپ، 3-ئاينىڭ29-كۈنى چاڭشا سىمېنكۇۋدا مەخپىي ئۆلتۈرۈلگەن، شۇ چاغدا ئۇ 27 ياشتا ئىدى. گو لياڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراشنىڭ ئالدىدا ئايالى لى سەنيىڭغا بىر پارچە ۋەسىيەتنامە يېزىپ قويغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئىنقىلابنىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىشىغا بولغان تولۇق ئىشەنچىسىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

تەرجىمان: مەدىنە مەردان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى