قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ئەتلەس» ئارقىلىق بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشكەن ئايال موزدوز بۇزەينەپگۈل ئىمىن

2018-05-21 12:28:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
قاراقاش ناھىيەسىنىڭ كۇيا بازىرى قوشئېرىق كەنتىدىكى ئايال موزدوز بۇزەينەپگۈل ئىمىن «ئەتلەس» ئامىلىنى ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ئۆز جايىدا «داڭلىق ماركا» يارىتىپ، ئۆزىگە خاس بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بۇزەينەپگۈل ئىمىننىڭ دۇكىنىدا، ئەتلەستىن ئىشلەنگەن ئاياغ ۋە سومكىلار بازارغا سېلىنىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى جەلپ قىلدى. بۇزەينەپگۈل ئىمىن-- ئائىلىۋى موزدوزلۇق ھۈنىرىنىڭ 3- ئەۋلات ۋارىسى بولۇپ، بىر قېتىملىق تەساددىپىي پۇرسەتتە، «ئەتلەس» بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورناتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىچكىرىدىكى دوستلار ئۈندىدار ئارقىلىق، ئەتلەستىن ئىشلەنگەن كىيىم- كېچەكلەرگە دائىر نۇرغۇن سۈرەت ۋە سىنلىق كۆرۈنۈشلەرنى ئەۋەتىپ بەردى. بۇلارنى كۆرۈپ بەكمۇ تەسىرلەندىم ھەمدە «ئەتلەس» ئامىلىنى ئاياغ ئىشلەشكە سىڭدۈرۈش خىيالىغا كەلدىم.
ئوي- پىكىرنى ئەمەلىيەتتە ئىپادىلەش ئاسان ئەمەس. ئەتلەسنىڭ رەخت ۋە نۇسخا ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئاياغنىڭ شەكلى ۋە ئىشلىتىدىغان ماتىرىياللارنى قايتىدىن لايىھىلەشكە توغرا كېلەتتى. بۇزەينەپگۈل ئىمىن مۇنداق دېدى: كومپيوتېر ئالدىدا 3 ئايدەك ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش ئارقىلىق، 100 پارچىدىن ئارتۇق لايىھە نۇسخىسىنى سىزىپ چىقتىم. ھەر كۈنى يېرىم كېچىگىچە ئىشلىدىم. ھېرىپ- چارچىغان بولساممۇ، سۈپەتلىك ئاياغلارنى ئىشلەپ چىقىشقا بولغان ئىرادەم كۈچەيدى. 
مانا مۇشۇنداق قىلىپ، بۇزەينەپگۈل ئىمىن ئىشلىگەن لايىھەگە ئاساسەن، بىر تۈركۈم بالىلار ئايىغىنى بازارغا سالدى. ئەمما، بۇنىڭ ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. بۇزەينەپگۈل ئىمىن مۇنداق دېدى: 10 كۈندە پەقەت ئىككى جۈپ ئاياغ سېتىلدى. ئاياغ بەك يۇمشاق بولغانلىقتىن، ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنىڭ پۇتىنىڭ زەخمىلىنىشى شۇنداقلا مەينەت بولۇپ كەتسە يۇيۇپ تازىلاشنىڭ تەس بولۇشىدىن غەم قىلغانىدى. بۇ قېتىم ئىشلەنگەن ئاياغلاردىن 20 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك زىيان چىقتى.
بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەت-- بۇزەينەپگۈل ئىمىننى چېكىندۈرەلمىدى. ئۇ مەخسۇس ۋېنجۇغا بېرىپ تەجرىبە توپلىدى ھەمدە ۋېنجۇدىكى ئاياغ ماتىرىياللىرى بازىرىدىن بىر قەدەر يۇمشاق بولغان سۈنئىي خۇرۇم ماتىرىيالىنى تېپىپ چىقتى. يېڭىچە ماتىرىياللارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئەتلەسنىڭ چىدامچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ خىل ماتىرىيالنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئاياغنى كەيگەندە راھەت بولۇپلا قالماي، چىدامچانلىقىمۇ ئاشتى. يۇيۇپ تازىلىغىلى بولىدىغان، يۇيۇپ تازىلىغاندا رەڭگى ئۆڭمەيدىغان بولدى.
ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى موزدوزلۇقتىن ئەتلەس ئاياغ لايىھىلەشكىچە، بۇزەينەپگۈل ئىمىننىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى. ھازىر، بۇزەينەپگۈل ئىمىننىڭ ئاياغ دۇكىنىنىڭ ھەر ئايلىق سېتىش سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئاياغ، كىيىم- كېچەك، سومكا قاتارلىق 3 چوڭ تۈردىكى 20 نەچچە خىل مەھسۇلات سېتىلىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەنتتىكى 20 نەچچە ئاھالە ئۇنىڭ ئاياغ زاۋۇتىدا تېخنىكا ئۆگىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا ماڭدى. بۇزەينەپگۈل ئىمىن مۇنداق دېدى: كىشىلەرنىڭ مەن لايىھىلىگەن ئاياغلارنى كىيىپ ماڭغانلىقىنى كۆرسەم، بەك خۇش بولىمەن. بەخت-- كۆرەش قىلىشتىن كېلىدۇ. داۋاملىق تىرىشىپ ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ مەن لايىھىلىگەن ئەتلەس ئاياغلارنى كىيىشى ۋە ياقتۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرىمەن.
تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى