قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز يېشىل كانلارغا ئىلھام بېرىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تېخىمۇ كۆپ سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى قوغداپ قالىدۇ

2018-05-22 20:45:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئاپتونوم رايونىمىز يېشىل كانلارغا ئىلھام بېرىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تېخىمۇ كۆپ سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى قوغداپ قالىدىغان بولدى. 
  بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز كانچىلىق كەسپى ھوقۇقى، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر، مالىيە بېجى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتتىن يېشىل كانلارغا ئىلھام بېرىش سىياسىتىنى قوللىنىپ، تۈرلۈك كان، كارخانىلارنىڭ كان مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىشىگە ئىلھام بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاكتىپلىق بىلەن مۇھىتى ياخشى بولغان يېشىل كان بەرپا قىلىپ،«3 تاغ، 2 ئويمانلىق» نىڭ سۇلىرى سۈزۈك، تاغلىرىنىڭ يېشىل بولۇشىنى قوغداپ قالىدىغان بولدى.  
  ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت- زېمىن بايلىقى نازارىتى، مالىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت نازارەتچىلىكى ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق بانكا نازارەتچىلىكى كومىتېتى قاتارلىق 6 تارماق يېقىندا بىرلىكتە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېشىل كانلارنى باشقۇرۇش چارىسى(سىناق نۇسخىسى)توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» نى بېسىپ تارقاتتى. بۇ يىل  مۇشۇ ئايدىن باشلاپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى 3 يىل ئىچىدە نام بېرىلگەن يېشىل كان كارخانىلىرى ۋە يېشىل كانلاردىكى تەرەققىياتتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرى كانچىلىق كەسپى ھوقۇقى، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر، مالىيە بېجى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتتىكى سىياسەتنىڭ قوللىشىدىن بەھرىمەن بولىدىغان بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، كانچىلىق كەسپى ھوقۇقى جەھەتتە، يېشىل كان كارخانىلىرى ۋە يېشىل كانلاردىكى تەرەققىياتتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرى ئالدى بىلەن دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يولغا قويغان ئومۇمىي مىقدارىنى تەڭشەپ كونترول قىلىدىغان كان تۈرلىرىنى ئېچىش كۆرسەتكۈچى ۋە كانچىلىق كەسپى ھوقۇقىدىن ئاۋۋال بەھرىمەن بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈش رايونلىرىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئاساسىي گەۋدىسى قىلغان ئاۋۋال بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوخشاش شارائىتتا كان تەكشۈرۈش ھوقۇقى، كان قېزىش ھوقۇقىدىن ئاۋۋال بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى قاتارلىقلارلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ.     
     قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر، مالىيە بېجى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتتە، يېشىل كان كارخانىلىرى ۋە يېشىل كانلاردىكى تەرەققىياتتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرى يېڭىدىن بەرپا قىلىدىغان، ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇشقا كېتىدىغان تۈرلەرگە يەر ئىشلىتىش جەھەتتە ئاۋۋال كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ؛ گىئولوگىيەلىك كان مەھسۇلاتلىرى، كانلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەش، ئېغىر مېتاللارنىڭ بۇلغىشىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە تىزگىنلەش، يەرلەرنى تەكرار ئۆزلەشتۈرۈش قاتارلىق مەبلەغنى ئاۋۋال ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ شەرتگە ئۇيغۇن كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق، كارخانىلاردىن تاپاۋەت بېجى ئېلىشنى قانۇن بويىچە 15 پىرسەنت ئازايتىپ ئېلىپ، يېشىل كان ئۇچۇرلىرىنى كارخانىلارنىڭ ئۇچۇر سېستىمىسىغا كىرگۈزۈپ، كرىدېت كەسپىنى يولغا قويۇش ۋە باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت قىلىشىدىكى مۇھىم پايدىلىنش كۆرسەتمىسى قىلىدۇ؛   
شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن يېشىل كان كارخانىلىرى يەنە قوللاشقا ئېرىشىدۇ.  ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 26 دۆلەت دەرىجىلىك، 6 ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يشىل كان بەرپا قىلغان بولۇپ، بۇ مىس، نېكىل، ئالتۇن، سىنىك، كەم ئۇچرايدىغان ئالتۇن مېتال، سىنىك، ئۇران، نېفىت، كۆمۈر ۋە كالىيلىق تۇز قاتارلىق كان مەھسۇلاتلىرى تۈرلىرىگە چېتىلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز يەنە كۆمۈر، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز، تۆمۈر، مىس، ئالتۇن، ھاك تېشى، قۇم- شېخىل قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 10 تۈرلۈك ئاساسلىق كان مەھسۇلاتلىرى كەسپىنىڭ يېشىل كان قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، ھۆكۈمەت يتېەكلەش، كارخانىلار ئۆزلىرى بەرپا قىلىش، 3- تەرەپ باھالاش، جەمئىيىەت نازارەت قىلىشتەك خىزمەت سسىتېمىسى ئارقىلىق، 2020- يىلىغىچە 400 دىن كۆپرەك يېشىل كان، 6 يېشىل كانچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى