قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاقچاينىڭ تۈرى

2018-05-22 20:52:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاقچاي جۇڭگودىكى ئالتە چوڭ چاي تۈرىنىڭ بىرى. ئاقچاي توغرىسىدا: «بىر يىلدا چايغا، ئۈچ يىلدا دورىغا، يەتتە يىلدا گۆھەرگە ئايلىنىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. ئاقچاي قەدىمىي چايچىلىق ھۈنەر سەنئىتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىشقا قويىلىدىغان تەلەپمۇ يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن، ئۇزۇن مۇددەت ساقلانغانلىرى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن، يىغىپ ساقلاش قىممىتى ئەڭ يۇقۇرى چاي دېيىلىدۇ. ئاقچاي بىرخىل ئالاھىدە چاي بولۇپ، باشقا چايلارغا ئوخشاش قولدا سىقىمداپ قورۇلمايدۇ. شۇڭا، ئۇيېشىل چايدەك پۇرايدۇ، لېكىن ئۇنى نورمال تېمپىراتۇرىدا ساقلىغىلى بولىدۇ. ئاقچاينى كېيىنمۇ ئېچىتقىلى بولىدىغان بولغاچقا، قانچە ئۇزۇن ساقلانسا، رەڭگى شۇنچە قېنىق، تەمىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاقچاي قانچە ئۇزۇن ساقلانسا، دورىلىق ئۈنۈمى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئاقچاي ئاساسلىقى فۇجيەندە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، فۇجيەننىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى. ئاقچاينىڭ تۈرى ئاساسلىقى مۇنداق تۆت تۈرلۈك بولىدۇ:
  ئاق مودەنگۈل چېيى:
  ئاق مودەنگۈل چېيىنىڭ سىرتىدا كۈمۈش رەڭلىك تۈگىنىكى بار بولۇپ، گۈل غۇنچىسىغا ئوخشايدۇ، دەملەنگەندىن كېيىن پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلگە ئوخشاش ئېچىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئاق مودەنگۈل چېيى دەپ ئاتالغان. ئاق مودەنگۈل چېيىنى ئاقچاي تۈرى ئىچىدىكى ئېسىل چاي دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ چوڭ ئاقچاي دەرىخى ياكى نەرگىس گۈلىنىڭ بىخ ۋە يوپۇرماقلىرىدىن يىغىۋېلىنىدۇ.
  گوڭمېي چېيى:
  بەزى جايلاردا گوڭمېي چېيى شوۋمېي چېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئاقچاينىڭ تۈرلىرى ئىچىدە مەھسۇلات مىقدارى ئەڭ يۇقىرى چاي تۈرىنىڭ بىرى، تەخمىنەن ئاق چاينىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىقى قورۇما چاي دەرىخىنىڭ يېڭى بىخىدىن يىغىۋېلىنىدۇ.
     شوۋمېي چېيى:
  شوۋمېي چېيى ئاقچاي دەرىخنىڭ يۇمران بېخى ياكى ئاق چاي يوپۇرمىقىدىن يىغىۋېلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ ئاساسىي جەھەتتىن يەنە گوڭمېي چېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. لېكىن، گوڭمېي چېيىنىڭ سۈپىتى شوۋمېي چېيىنىڭ سۈپىتىدىن ياخشىراق بولىدۇ.
      كۈمۈش يىڭنە يوپۇرماقلىق ئاقچاي:
  كۈمۈش يىڭنە يوپۇرماقلىق ئاقچاي-- ئاقچايلارنىڭ ئەڭ ئېسىلى. ئۇنىڭ «گۈزەل قىز»، «چاي شاھى» دېگەن نامى بار، ئۇ يەنە ئاق تۈكچىلىك چاي دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يوپۇرمىقىدا ئاقتۈكچىلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، رەڭگى كۈمۈشكە، يوپۇرمىقى يىڭنىگە ئوخشايدۇ، پۇرىقى كىشىنى ئىنتايىن مەپتۇن قىلىدۇ. رەڭگى سۇس سېرىق رەڭدە بولۇپ، تەمى ئىنتايىن ياخشى. ئۇ ئاقچاي دەرىخىنىڭ يۇمران بىخىدىن يىغىۋېلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاق چاينىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىممەتلىك چاي ھېسابلىنىدۇ.
  «خۇاڭدى تىبابەت دەستۇرى» دا ئاقچاي ئۆپكىنى ياشارتىدۇ دېيىلگەن. ئاقچاي ئالتە چوڭ چاي تۈرلىرى ئىچىدە ئازراق ئېچىتىلغان چاي بولۇپ، رەڭگى ئاق بولغاچقا، قۇرۇق ئىسسقنى ھەيدەش، زەھەر قايتۇرۇش، ئۆپكىنىڭ ھۆللىكىنى ئاشۇرۇش رولى بار. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەشھۇر تىۋىب لى شىجېننىڭ «دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى» دېگەن كىتابىدا ئاق چاينىڭ تېرىنى سىلىقلاس رولى بارلىقى تىلغا ئېلىنغان. «فۇدىڭنىڭ ئاقچېيى توغرىسىدا» دېگەن كىتابتا قەيت قىلىنىشىچە، ھازىرقى زامان پەن- تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاق چاينىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ  قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، باكتېرىيە ۋە ياللۇغ قايتۇرۇشتىكى ئۈنۈمى ۋە رولى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرىشىدىكى  ئېسىل ئېچىملىك ھېسابلىنىدىكەن.  يىللارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن ئاقچاي ھازىرقى قۇرغاق پەسىلدە ئىچىشكە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان بولۇپ، ساپال قازاندا قاينىتىپ ئىچسىڭىز ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ. ئۇنىڭغا يەنە ئۆپكىنى ياشارتىدىغان ۋە تېرىنى سىلىقلايدىغان ئاق مېۋىنى يانداشتۇرۇپ يېسىڭىزمۇ بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى