قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇش

2018-05-22 13:06:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
باش شۇجى شى جىنپىڭ «يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى ۋە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا قۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار بۇنى يېتەكچى قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، مۇھىتنى ياخشىلاپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، دېھقانلارنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.
ئىككى كۈندىن بۇيان، ماناس ناھىيەسىنىڭ لەنجۇۋەن بازىرى تۆۋەنكى باجىياخۇ كەنتىدىكى ئاھالىلەر كىچىك باغدا يېڭى تىكىلگەن كۆچەتلەرنى چاتاش، توپىسىنى بوشىتىش، ھەم تېمىتىپ سۇغىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى قۇراشتۇرۇش ۋە تەڭشەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇردى. 2017- يىلى تۆۋەنكى باجىياخۇ كەنتى كەنت ئاھالىلەر يىغىنى ئارقىلىق، ماناس دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىنى ۋاستە قىلىپ، يېزا- كەنت ئېكولوگىيە ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك پىكىر يولىنى بېكىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 4.8 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئاسفالت يول، 800 مېتىرلىق مەنزىرە ئۆستىڭى ۋە كۆلىمى 3 مىڭ 600 كۋادىرات مېتىرلىق كىچىك باغ ياسىدى. تۆۋەنكى باجىياخۇ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يۈ جىنبېي مۇنداق دېدى:- كەنتىمىزنىڭ سۇلۇق يەر باغچىسى بىلەن تۇتاش بولۇشتەك ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئارتۇق پۇل خەجلىمەي، چوڭ قۇرۇلۇش قىلماي، سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ ئومۇمىي مۇھىتىنى قوغداشنى چۆرىدەپ تۈزەش ئېلىپ باردۇق.
سۇلۇق يەر مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە كەنتنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈزۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، بۇ ئەتراپتا ئۈزۈش، ساياھەت، ئىستىراھەت دەم ئېلىش ئاساس قىلىنغان يېشىل ئېكولوگىيەلىك يېزا-كەنت ساياھىتى ئەۋج ئالدى. كەنت ئاھالىسى ما بىڭ مەبلەغ سېلىپ ھويلىسىنى دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ھەميىنىنى كۈندىن- كۈنگە تومپايتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:- بىزمۇ گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىدىن نەپكە ئېرىشكۈچىلەر. مۇھىت ياخشىلىنىپ، ئادەم كۆپىيىپ، كىرىمىمىزمۇ ئاشتى. بىز چوقۇم مۇھىتنى تېخىمۇ ياخشى ئاسراپ، دەرەخ تىكىپ ئورمان بىنا قىلىمىز.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېزا مۇھىتىنى تۈزەشتە، مەيلى تەرەققىي تاپقان رايونلار ياكى تەرەققىي تاپمىغان رايونلار بولسۇن ھەممىسى تۈزەش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. لېكىن، ئۆلچەمنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن پەرقى بولىدۇ. يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى ۋە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، «نەتىجە قۇرۇلۇشى»، «ئوبراز قۇرۇلۇشى» قىلماسلىق كېرەك. يېقىنقى كۈنلەردە، ئاپتونوم رايونىمىز «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، يېزا ئەخلەتلىرى، پاسكىنا سۇنى تۈزەش ۋە كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاشنى ئاساسىي يۆنىلىش قىلىپ، 3 يىل ئىچىدە يېزىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، كەنت مۇھىتى ئاساسىي جەھەتتىن پاكىزە، رەتلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مۇھىت ۋە ساغلاملىق ئېڭىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىدىغان بولدى. قەشقەر شەھىرى خاڭدى يېزىسىنىڭ سۆگەتتاغ كەنتىدە، ھەر چارشەنبە كۈنى كەنتنىڭ مۇھىت تازىلىقى كۈنى بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ھەممىسى ھويلا- ئاراملارنى تازىلاپ، گۈزەل ھويلا- ئارام بەرپا قىلىشقا قاتنىشىدۇ. كەنت ئاھالىسى مىنەۋەر مەمتىمىن بۇ ھەپتە «تازىلىق چولپىنى» بولۇپ باھالاندى. ئۇ مۇنداق دېدى:- مەن كۆچمە قىزىل بايراققا ئېرىشىپ بەك خۇش بولدۇم. بۇنىڭدىن كېيىن تازىلىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆيۈمنىڭ ۋە ئىشىك ئالدىمنىڭ پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.
سۆگەتتاغ كەنتىنىڭ ئىلگىرى ئۇل ئەسلىھەلىرى قالاق، بىرلىككە كەلگەن ئۈنۈملۈك ئەخلەت يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى يوق بولغاچقا، كۆپ قىسىم تۇرمۇش ئەخلەتلىرى ۋە يۇندىلار قالايمىقان تۆكۈلۈپ، ھاۋا، تېرىلغۇ يەر ۋە سۇ مەنبەسى بۇلغانغانىدى. كەنت يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن مۇھىت تازىلىقىنى قوغداش تەربىيەسىنى كۈچەيتتى، يەنە بىر تەرەپتىن مۇھىت تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، خەتەرلىك كونا ئۆيلەرنى چېقىپ، يېڭى ئەمىن ئۆيلەرنى سېلىپ، كۆكەرتىش بەلبېغىنى كۆپەيتىپ، كەنتنىڭ مەينەت، قالايمىقان ھالىتىنى ئۆزگەرتتى.
ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقتوقاي يېزىسى جىگدىلىك كەنتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ھەر بىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇش رايونى، باقمىچىلىق رايونى ۋە تېرىقچىلىق رايونىنى ئايرىپ، «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىش» ئەندىزىسى بويىچە سۇ بىلەن چايقىلىدىغان ھاجەتخانا ئورناتتى. كەنت ئاھالىسى ئالتۇنگۈل ئەخەت ئۆيىدىكى كونا ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىپ، قوتاننى چېقىپ، مۇھىتنى تېخىمۇ ياخشىلىدى. ھويلا- ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، بۇلتۇر ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كىرىمى 80 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. ئالتۇنگۈل ئەخەت مۇنداق دېدى:- ئۆيىمىزگە يەردىن ئىسسىتىدىغان پار ئورنىتىلىپ، تۇرۇبا سۈيى يەتكۈزۈلۈپ، يۇيۇنۇش، تازىلىق ئىشلىرى قولايلىق بولۇپ كەتتى. ھازىر بىزمۇ شەھەرلىكلەردەك ياشاۋاتىمىز، بەك رازى بولدۇق ھەم خۇش بولدۇق.
ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقتوقاي يېزىسىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى سۈن جىيەنشىن مۇنداق دېدى:- يېزىمىزنى گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىدىكى سىناق نۇقتىسى قىلىپ، كەنتلەرنى گۇرۇپپا بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاپ، بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىمىزدىكى ھەر بىر ئائىلىگە ئاسفالىت يولنى تۇتاشتۇرۇپ، توك، تېلىۋىزور، پار بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، يېزىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى