قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 كېيىنكىلەرنى ئىلھاملاندۇرغان ئىنقىلابىي قۇربان- شيا مىڭخەن

2018-05-22 13:19:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  شيا مىڭخەننىڭ تەخەللۇسى گۇيگېن، 1900- يىلى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ زىگۇيدە تۇغۇلغان.
  1920- يىلى شيا مىڭخەن چاڭشادا ماۋ زېدۇڭ بىلەن تونۇشقان. 1921- يىلى ماۋ زېدۇڭ، خې شۇخېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن شيا مىڭخەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. پارتىيەگە كىرگەندىن كېيىن شيا مىڭخەن چاڭشادا ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شوغۇللىنىپ، رىكشىچىلارنىڭ ئىش تاشلىشىغا قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان.
  1928- يىلى 1- ئايدا، پارتىيە تەشكىلاتى شيا مىڭخەننى خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومغا يۆتكەپ رەھبەرلىك خىزمىتىگە قويۇشنى قارار قىلغان. بۇ چاغدا، ئۇنىڭ قىزى شيا يۈننىڭ تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا ئىككى ئاي بولغانىدى. شيا مىڭخەن خوتۇن- بالىلىرىدىن ئايرىلىپ ئۆزى يالغۇز ۋۇخەنگە بارغان. يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئۇ بۇ قېتىملىق سەپىرىنىڭ خەتەرلىكلىكىنى ھىس قىلىپ، ئالايىتەن بازاردىن بىر قىزىل مەرۋايىت سېتىۋېلىپ ئايالى جېڭ جياجۈنگە سوۋغا قىلغان ھەم «يۈرىكىم ئورنىدا قىزىل مەرۋايىت سوۋغا قىلدىم، قىزىمىزنى ئىرادىلىك قىلىپ تەربىيەلىگەيسىز» دېگەن مەزمۇندا شېئىر يازغان.
  1928- يىلى 3- ئاينىڭ 18- كۈنى خائىننىڭ ساتقىنلىقى تۈپەيلىدىن، شىيا مىڭخەن بەختكە قارشى قولغا ئېلىنغان. 3- ئاينىڭ 20- كۈنى سەھەردە، جازا مەيدانىغا ئېلىپ كېلىنگەن. جازا ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇن، شيا مىڭخەن بۈگۈنگىچە تارقىلىپ كەلگەن «ھەقىقەت يولىدا كاللامدىن ئايرىلساممۇ مەيلى، شيا مىڭخەن ئۆلسە، كېيىنكىلەر ئىزىمنى باسىدۇ» دېگەن مەردانە شېئىرنى يازغان. 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى