قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەپچىل قولى بىلەن بەختلىك تۇرمۇش ياراتقان پاتىگۈل تۇردى

2018-05-22 13:53:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
كۇچا ناھىيەسىدىكى رېشىت كەشتىچىلىك، تىككۈچىلىك لايىھەلەش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى پاتىگۈل تۇردى بالىلار پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئۈچۈن پۇتى مېيىپ بولۇپ قالغان ئىدى. ئەمما، ئۇ تەقدىرگە تەن بەرمەي، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىيىم- كېچەك ماركىسىنى ياراتتى.
     پاتىگۈل تۇردى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆيىدە بىكار ئولتۇردى. تەن سالامەتلىكى سەۋەبىدىن ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغىمۇ ياردەملىشەلمەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ روھى چۈشۈپ ئائىلىسىگە ئازراق بولسىمۇ ئىش قىلىپ بىرىشنى ئويلاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:- ئاپام كۈندۈزى باشقىلارغا كېيىم تىكىپ، كەچلىرى كەشتە تىكىپ قوشۇمچە پۇل تېپىپ ئۆيگە خىراجەت قىلاتتى. مەن بىر ئۇخلاپ قوپساممۇ ئاپامنىڭ يەنىلا چىراق يورۇقىدا ئولتۇرۇپ كەشتە تىكىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم. شۇنىڭ بىلەن مەن تىككۈچىلىك، كەشتىچىلىكنى بىلگەن بولسام ئاپامنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكەن بولاتتىم دەپ ئويلايتتىم.
    پاتىگۈل تۇردى ناھايىتى تېزلا تىككۈچىلىك ۋە كەشتىچىلىك ماھارىتىنى ئىگىلىدى. 1988- يىلى ئۇ بىر تىككۈچىلىك دۇكىنى ئاچتى. ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بىرەرمۇ خېرىدار ئۇنىڭغا كىيىم تىككۈزۈشكە كەلمىدى. پاتىگۈل تۇردى كىيىم- كېچەك دۇكانلىرىغا بىرمۇ- بىر بېرىپ خوجايىن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزىنىڭ ھۆنىرىنى ئۇلارغا تونۇشتۇردى. ئاخىرى بىر خۇجايىن ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ، ئۇنى رەختنى ئۆزىدىن چىقىرىپ، بىر قۇر كىيىم تىكىپ سىناپ بېقىشنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:- خېرىدارلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەندە بەك ھاياجانلاندىم. ئىلگىرى كىيىم تىكەلەيدىغىنىمغا ئىشەنمەيدىغانلار ھازىر ماڭا بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتتى، تىككۈچىلىك دۇكىنىنىڭ سودىسىمۇ ئاستا- ئاستا ياخشى بولۇپ كەتتى.
     2014- يىلى پاتىگۈل تۇردى ئاپتونوم رايوننىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئاجراتقان ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغىغە ئېرىشتى. ئۇ يەنە رېشىت تاۋار ماركىسىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، نۇرغۇن مېيىپ، ئىشسىزنى ھۆنەر ئۆگىنىشكە قوبۇل قىلدى. پاتىگۈل تۇردى مۇنداق دېدى: «بەخت كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ». مەن باشقا ئاچا- سىڭىللار ۋە مېيىپلارغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى بالدۇرراق ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى