قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سانجى ئوبلاستى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى يېشىل كىرىمنىي جىلغىسى» بەرپا قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى

2018-05-23 12:27:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
سانجى ئوبلاستى پارنىكنىڭ يورۇقلۇقىنى ئاپتوماتىك تەڭشەش، ئىككلىك كودنى سىكانىرلاش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇرۇق مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىك كەسپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلىدى .ھەر كۈنى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى سانجى يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىغا ئىسسىق بەلباغ يېڭى گۈل- گىياھلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كېلىدۇ. شىنجاڭ «كېچۇاڭ تىيەندا» يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل دىرېكتورى مۇ شياۋيۈن مۇنداق دېدى: بۇ يېپىق شەكىللىك ئۆسۈملۈك يىتىشتۈرۈش ئورنىدا پەقەت LED چىرىقى، توك ۋە سۇ بولسىلا سۇدا يېتىشتۈرۈلىدىغان كۆكتاتلارنى ئۆستۈرگىلى؛ يان تېلېفوننىڭ APP سى ۋە تور ئارقىلىق پارنىكنىڭ تېمېپېراتۇرا ۋە نەملىك دەرىجىسىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تۇرغىلى بولىدۇ.       
سۇدا يېتىشتۈرۈلىدىغان كۆكتات بولسا سانجى ئوبلاستىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. سانجى ئوبلاستى 2014- يىلىدىن باشلاپ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق يېزىلاردىكى 1-، 2-، 3- كەسپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، ھازىر بۇ جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش باسقۇچىغا كىردى. قىسقىغىنە بىر نەچچە  يىل ئىچىدە، سانجى ئوبلاستدىكى دېھقانلار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى پەن- تېخنىكا ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا تېخىمۇ كۆپ قۇلايلىقلار يارىتىلدى. قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ دافېڭ بازىرى خۇڭليۇتاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سۇن شۇۋېن مۇنداق دېدى: مەن كومپيۇتېرىم ئارقىلىق ھەر بىر يېرىمنىڭ سۇغۇرۇلۇش ۋە ئوغۇتلىنىشىغا ئائىت بارلىق ئەھۋاللارنى كۆرەلەيمەن، قايسى يەردە كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقى كۆرۈلسە، شۇ يەرنى بىۋاستە يان تېلېفون ئارقىلىق رەسىمگە تارتىپ پروفېسسور خىزمىتى پونكىتىغا ئەۋەتىپ بەرسەم، پروفېسسور رەسىمنى كۆرۈپ تەھلىل قىلىپ، سانلىق مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن تېمىتىپ ئوغۇتلاش، دورا چېچىش جەريانىدا بۇ مەسىلىلەرنى بىۋاستە ھەل قىلغىلى بولىدۇ.                 
ئەقلىي ئىقتدارلىق ئوغۇتلاش- سۇغۇرۇش باكىغا سۇدا ئېرىشچان ئوغۇتنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن بۇنى دېھقانلارنىڭ ئېتىزلىقىدىكى تېمىتىپ سۇغۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇپ، ئالاقە تورى تېرمىنالىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاخىرىدا يان تېلېفون APP سى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ ئۆيىدىن چىقماي تۇرۇپلا زىرائەتلەرنى ئوغۇتلاش ۋە سۇغۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شىنجاڭ «خۇيئېر» يېزا ئىگىلىك گۇرۇھى پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى سانجى شۆبە شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى جاۋ ۋېيچىڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر بىز شىنجاڭدا تەخمىنەن 100 مىڭ موغا يېقىن يەردە 300 باكنى تەسىس ئورۇنلاشتۇردۇق. سىتاتسىتىكا قىلىشىمىزچە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئوغۇتلاش سىستېمىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بارلىق دېھقانلارنىڭ ھوسۇلىنى %93 ئاشۇردۇق.
پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ زامانىۋېلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش، يېزىلاردىكى بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى كەسپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك» دەپ كۆرسىتىلدى. ھازىر، سانجى ئوبلاستى سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا رايونىغا تايىنىپ جانلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا ئەشيا ئوبوروتى، ئىستىرائەت يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ئۆزگىچە كەسپلەر ئارقىلىق باغچا رايونلىرىنى «شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل كىرىمنىي جىلغىسى» غا ئايلاندۇردى. سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا باغچا رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لەي ۋەنيەن مۇنداق دېدى: بۇ يېڭى تېخنىكا، يېڭى سورتلار ئارقىلىق يېزا ئىگىلىدە زور ئۆزگىرىش بولدى. بۇنىڭ بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈپلا قالماي، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى ھەمدە  يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. بىز بۇ يىل سانجى ئوبلاستىنىڭ ھەر بىر ناھىيەسىدە بىر تۈركۈم ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بەرپا قىلىشنى پىلانلىدۇق. بىز ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى سانجى ئوبلاستىدا ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، پۈتۈن سانجى ئوبلاستى شۇنداقلا  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق پۇقرالارنى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز. 

 تەرجىمان: مەدىنە مەردان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى