قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۇلۇغچات ناھىيەسى چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەملەر بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆچۈرۈلگەن دېھقان- چارۋىچىلارنى ياخشى بولغان ئولتۇراق شارائىتىغا ئىگە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى

2018-05-23 12:31:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  ئىستانسىمىز خەۋىرى:
پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا، «خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىۋاتقان، ئەڭ بىۋاستە، ئەڭ رىئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇرۇپ ھەل قىلىپ، ھەم چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، ھەم ھالىمىزغا بېقىپ ئىش كۆرۈپ، ئىشنى ئىشقا، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەش لازىم» دېيىلدى. نۆۋەتتە، ئۇلۇغچات ناھىيەسى چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆچۈرۈلگەن دېھقان- چارۋىچىلارنى ياخشى ئولتۇراق شارائىتىغا ئىگە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى.
  ئۇلۇغچات ناھىيەسى بايقۇرۇت يېزىسىنىڭ تۆپە مەھەللىسىدە، تاغدىن كۆچۈپ چۈشكەن ھۆرزىگۈل مەمەتتۇردى ئۆيىگە يېقىن جايدا دۇكان ئېچىپ، تىككۈچىلىك بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇنىڭ ئېرىمۇ قاسساپلىق دۇكىنى ئاچتى. بۇنىڭ بىلەن،  ئىككەيلەننىڭ ئايلىق كىرىمى 5 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
ھۆرزىگۈل مەمەتتۇردىنىڭ ئىلگىرىكى ئۆيى تويۇن يېزىسىدا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 3 مىڭ 600 مېتىردىن ئاشىدىغان بۇ جاينىڭ ھاۋاسى سوغۇق، ئۆزگىرىشچان بولۇپلا قالماي، ئوكسىگىن يېتىشمەيتتى. كېسەك ئۆيدىن ئاسانلا يامغۇر ئۆتۈپ كېتەتتى. ئەمما، ھازىر بۇ خىل ھالەتتە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى. ھۆرزىگۈل مەمەتتۇردى مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت بىزگە 80 نەچچە كۋادىرات مېتىرلىق ئۆي، دۇكان ئورنى شۇنداقلا يەر ئاستى ئۆيى بەردى. 3 يىللىق مۇددەت بىلەن، 50 مىڭ يۈەندىن ئۆسۈمسىز قەرز پۇل ھەل قىلىپ بەردى. ئۆينىڭ زىننەتلىنىشىگىمۇ پۇل خەجلىمىدۇق، پەقەت 10 مىڭ يۈەن خەجلەپلا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق. بۇنىڭدىن كىيىن، ياخشى تىجارەت قىلىپ، قەرز پۇلنى بالدۇرراق قايتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىمىز.
ھازىر، ھۆرزىگۈل مەمەتتۇردىنىڭ ئۆيى ئەتراپىدىكى 500 مېتىرمۇ كەلمەيدىغان دائىرىدە، يەسلى، مەھەللە مۇلازىمەت نۇقتىسى قۇرۇلۇپ، تويۇن، بايقۇرۇت، تېرەك قاتارلىق ئۈچ يېزىدىكى 136 ئائىلىدىكى 444 ئادەم ھۆرزىگۈل مەمەتتۇردىغا ئوخشاش بەختىيار تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولماقتا. بۇ يىل، ئۇلۇغچات ناھىيەسى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ ۋە تۈرلۈك نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن 80 نەچچە مىليون يۈەننى بىرىكتۈرۈپ، جەمئىي 842 يۈرۈش چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۆيى ۋە ئەمىن ئۆي سېلىپ، ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلار شۇنىڭدەك ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار، مېيىپلار ۋە بەشتە كاپالەتلىك ئائىلىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى پىلانلىدى. ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى جاۋ بىڭ تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىش-- تۇنجى قەدەم. كېيىنكى قەدەمدە، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن تولۇق قۇتۇلۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز. بۇ يىل، بىز ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش- روناق تاپقۇزۇش چەكلىك شىركىتى قۇردۇق. بۇنىڭدىكى مەقسەد-- ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ بايلىق مەنبەسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىدىن پايدىلىنىپ، نامرات ئاھالىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىپ، شىركەت ئارقىلىق، بۇ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ناھىيەدىكى ئىدارە- ئورگان، مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلارنىڭ ئاشخانىلىرىغا بىۋاستە تەمىنلەشتىن ئىبارەت. بۇ ئارقىلىق، نامرات دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئىشەنچىمىز بار.
تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى