قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سانجى شەھىرىدىكى 45 ياشلىق جۇ خەييۈن مەخسۇس مېڭە پارالىچ كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان، ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان، تەنھالىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلار سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمەت مەركىزى ئاچتى

2018-05-23 13:08:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
سانجى شەھىرىدىكى 45 ياشلىق جۇ خەييۈن مېڭە پارالىچ كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىنىڭ ئانىسى. 7 يىل ئىلگىرى، ئۇ مەخسۇس مېڭە پارالىچ كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان، ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان، تەنھالىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلار سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمەت مەركىزى ئاچتى. بۇ جەرياندا ئۇ نۇرغۇن جاپالارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، باشتىن- ئاخىر بەل قويىۋەتمىدى.
سانجى شەھىرىدىكى «شەرق ھىس-تۇيغۇ سىستېمىسىنى مەشىقلەندۈرۈش مەركىزى« دە، بالىلار دەرسكە قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، 3 ياش 4 ئايلىق بولغان ماۋ دۇۋ ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەشىق قىلىۋاتاتتى. ماۋ دۇۋ-- تەنھالىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بىر يىللىق داۋالاش ئارقىلىق، ئۇنىڭدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى. ماۋ دۇۋنىڭ مومىسى ليۇ فېڭلىڭ مۇنداق دېدى: ھەر قانداق ئەھۋالغا قارىماي، ئۇنى بۇ يەرگە ئەكىلىپ مەشىقلەندۈردۇق. ئوقۇتقۇچىلار كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەتتى. ئىلگىرى، ئۇ باشقا بالىلار بىلەن پەقەتلا ئوينىمايتتى، ئىسمىنى چاقىرساقمۇ قارىمايتتى. ھازىر، ئىسمىنى چاقىرساق قارايدىغان بولدى.
جۇ خەييۈننىڭ بۇ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى ئېچىشتىكى دەسلەپكى مەقسىدى-- ئۆز بالىسى ئۈچۈن بولغان بولسا، كېيىنچە «كېچىكىپ ئېچىلغان گۈلنى پورەكلەپ ئېچىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئائىلىلەرگە ئۈمىد ئاتا قىلىش» تىن ئىبارەت كۆپچىلىك ئۈچۈن بولدى. 2001- يىلى، جۇ خەييۈننىڭ 3 ياشلىق قىزىغا مېڭە پارالىچ كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىق دىئاگنۇزى قويۇلدى. جۇ خەييۈن قىزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن تەرەپ- تەرەپكە قاترىدى ھەمدە بېيجىڭدىكى جۇڭگو مېيىپلار سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدە 3يىل مەشىقلەندۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بالىنىڭ ئىلگىرلىشى ناھايىتى ئاستا بولدى. ئەمما، مەن بەل قويىۋەتمىدىم.
جۇ خەييۈن بىر تەرەپتىن بالىسىنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ھەمراھ بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلىملىرىنى ئۆگەندى. جۇ خەييۈننىڭ قىزىنىڭ ئەھۋالىدا تەدرىجىي ياخشىلىنىش بولدى. قىزىغا ئوخشاش مېڭە پارالىچ كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىر قىسىم بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى ئۇنىڭدىن تەجرىبە ئۆگىنىش ئۈچۈن كەلدى. بۇنىڭ بىلەن، جۇ خەييۈن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى ئېچىش ئىرادىسىگە كەلدى. جۇ خەييۈن قىزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتىن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى ئېچىشقىچە، ئۆگىنىشنى توختىتىپ باقمىدى. ئۇ كۆپ قېتىم بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كەسپىي بىلىم ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىسىنى ئۆگەندى. سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىمۇ جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ساخاۋەتلىك كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ھازىر، جۇ خەييۈننىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىنىڭ كۆلىمى 200 كۋادىرات مېتىردىن كېڭىيىپ، 600 كۋادىرات مېتىرغا؛ مەشىقلەندۈرۈشكە قاتنىشىۋاتقان بالىلارنىڭ سانىمۇ 40 نەچچىگە يەتتى. جۇ خەييۈن يەنە ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 13 نى تەكلىپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ«بەخت-- كۆرەش قىلىشتىن كېلىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. ئۆزۈم يالغۇز قىزىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان ۋاقتىمدا، تۇرمۇشتىن ئۈمىدىم ئۈزۈلگەنىدى. ئەمما، ھازىر، ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھىس قىلىمەن.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى