قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لىزۇلارنىڭ دەرەخ قوۋزىقى كىيىمى

2018-05-23 14:47:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۇپاس دەرىخى زەھەرلىك ئوقيا دەرىخى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل دەرەخ ئاساسلىقى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجىشەن تېغى بويلىرىدىكى تىروپىك بەلباغ ئورمانلىقلىرىدا ئۆسىدۇ. ئىسمىدىنلا ئۇنىڭ زەھىرىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. «جۇڭگو ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى» دا خاتىرىلىنىشىچە، ئۇپاس دەرىخى ئۈجمە ئائىلىسىگە تەۋە ئۆسۈملۈك بولۇپ، دەرەخ سۇيۇقلۇقى زەھەرلىك بولۇپ، ئادەم ۋە ھايۋاناتلار ئۇنىڭ بىلەن زەھەرلەنگەن ھامان ئۆلۈپ كىتىدۇ. كىشىلەر دەرەخ سۇيۇقلۇقىدا زەھەرلىك ئوقيا ياساپ، ئوۋ ئوۋلاشقا ئىشلەتكەن، قوۋزاق تالاسىدىن ئارغامچا ئېشىشكە بولىدۇ، يەنە دەرەخ قوۋزىقى كىيىمى تىكىشكە بولىدۇ. ئۇپاس دەرىخى دەرەخ قوۋزىقى كىيىمى تىكىشكە ماس كېلىدىغان بىردىن- بىر دەرەخ. ئۇنىڭ قوۋزىقى سويىۋېلىنغاندىن كىيىن، ئەسلىدىكى يۇمىلاق ھالەتتىن تۆت چاسا ھالەتكە كەلتۈرۈلۈپ، دەريا بويىدا پاكىز تازىلىنىپ، زەھىرى پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. قوۋزاقنى سويۇپ ئېلىشتىن بۇرۇن ئۇرۇپ بوشىتىلىدىغانلىقتىن، دەرەخ قوۋزىقىدىكى قارا داغلار يۇيۇش جەريانىدا چىقىپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ قوۋزاقنىڭ رەڭگى ئاقراق ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قوۋزاقنىڭ سىرتىدىكى يۇمشاق، ئىنچىكە، زىچ تالالىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ ھەمدە قاتمۇ- قات ئىچ تەرەپكە سۈرۈلىدۇ.  قوۋزاقنىڭ دەرەخ غولىغا چاپلىشىپ تۇرىدىغان قسمى قاتتىق، تالالىرى يىرىك بولىدۇ. شۇڭا، كىيىم تىككەندە سىرتقى يۈزى ئىچىگە ئېلىنىپ، تېرە بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىدۇ، ئەكسىچە ئىچكى قىسمى سىرتقا قارىتىلىپ تىكىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يۇيۇپ تازىلانغان قوۋزاق ئاپتاپتا قۇرىتىلىدۇ. قۇرىغاندىن كىيىن توقماقتا يەڭگىل ئۇرۇلۇپ، بىر يەرگە جۇغلىشىۋالغان تالالار بوشىتىلىدۇ. شۇڭا، كۈچ تەكشى بولۇش، بەك كۈچلۈك ياكى بەك يەڭگىل بولۇپ قالماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ. دەرەخ قوۋزىقى مانا مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا يېرىم ئايغا يېقىن توقماق بىلەن پۈتۈنلەي يۇمشىغانغا قەدەر ئۇرۇپ يۇمشىتىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەسلىدىكى يىرىك دەرەخ قوۋزىقى يۈزىدە تۇتسىڭىز سىلىق بىلىنىدىغان ئىنچىكە تالالار پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن دەرەخ قوۋزىقى كىيىمىنى تىكىش باشلىنىدۇ. ئاياللار دەرەخ قوۋزىقىنى كېسىپ تەييار قىلغاندىن كىيىن، ئۆيىدىكىلەرگە يوتقان- كۆرپە، چاپان، يوپكا قاتارلىقلارنى تىكىدۇ، ئاشقان قىسمىدىن باش كىيىملىرىنى تىكىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ زەھەرلىك دەرەخ  بەدەنگە يېپىشىپ تۇرىدىغان بويۇمغا ئايلىنىدۇ.
ھازىر كىشىلەر ئاللىبۇرۇن دەرەخ قوۋزىقى كىيىمى بىلەن خوشلاشقان بولسىمۇ، لېكىن بىر نەچچە بوۋاينىڭ تىرىشچانلىقىدا ئۇنىڭ ياساش ھۈنىرى بىزگىچە يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز تەلەيلىك ھالدا ئىنسانلارنىڭ قەدىمىي تۇرمۇشلىرىنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىنى كۆرۈپ، ئەينى چاغدا ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ زادى قانداق مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى توغرىسىدا ئىزدىنىش ۋە ئۇنى چۈشىنىشكە مۇيەسسەر بولدۇق. قوۋزاقتىن ياسالغان رەخت بولسا ئىنسانلارنىڭ كىيىم- كېچەك تارىخىدىكى توقۇلمىسىز رەختتىن يىپ ئېگىرىشكىچە بولغان تەرەققىيات جەريانىنىڭ كۈچلۈك دەلىل- ئىسپاتى. ئۇنداقتا يەنە بىر مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. يەنى خەينەن ئۆلكىسىدىكى لىزۇلارنىڭ دەرەخ قوۋزىقى كىيىمى ياسىشى قاچان باشلانغان، شۇ يەردە تەرەققىي قىلغانمۇ، ياكى سىرتتىن كىرگەنمۇ؟
ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل دەرەخ قوۋزىقىدىن رەخت ياساش خەينەندىلا بولغان ئەمەس. يۈننەن ئۆلكىسى شىشۇاڭبەننادىكى يۈەننى، جىنو مىللىتى، شۇنىڭدەك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بەزى رايونلاردىكى مىللەتلەرنىڭمۇ دەرەخ قوۋزىقىدىن رەخت ياسايدىغان ھۈنىرى بار. ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسسىق بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرى بۈك- باراقسان ئۆسكەن جايلاردا ياشايدۇ. خەينەن ئۆلكىسى بولسا جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. ئۇنداقتا جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى دەرەخ قوۋزىقىدىن كىيىم ياساش ھۈنىرى، خەينەن ئارقىلىق شەرقىي جەنۇبى ئاسىياغا تارقالغانمۇ؟ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى «جاھاننامە» دېگەن كىتابتا «چىيوڭجۇ» يەنى ھازىرقى خەينەن توغرىسىدا «بۇ يەرنىڭ خەلقلىرى ئۆڭكۈرنى ئۆي قىلىدۇ، دەرەخ قوۋزىقىدىن كىيىم كېيىدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن.
ئەمما، لىزۇ مىللىتىنىڭ دەرەخ قوۋزىقىدىن رەخت ئىشلەش تارىخىي تېخىمۇ ئۇزۇن بولۇشى مۇمكىن. 1997- يىلى، شياڭگاڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى دېڭ سۇڭ خەينەن ئۆلكىسىنىڭ مىللەتلەر مۇزېيغا تەكشۈرۈشكە كېلىپ، بۇ يەردە ساقلىنىۋاتقان ئىككى تاش قۇرالنى بايقىغان ھەمدە ئۇنى دەرەخ قوۋزىقى كىيىمى ياسايدىغان قورال دەپ قارىغان. بۇ تاش قوراللارنىڭ تارىخىنى يېڭى تاش قورال دەۋرىدىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
 تاكى ئالدىنقى ئەسەرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، شېلىڭ بازىرىدا يەنىلا بىر كىچىك قەبىلە بار بولۇپ، دەرەخ قوۋزىقىدىن رەخت ئىشلەش قەدىمىي ھۈنەر- سەنئىتى بۇ يەردە داۋاملاشقان. بىراق، كېيىن، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدىغانلار ئازىيىپ بارا- بارا يۇقۇلۇپ كەتكەن.
يېڭى ئەسىر كىرگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سالمىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇنىڭغا قايتىدىن ئەھمىيەت بېرىلدى. بىراق، ئۇلار يولۇققان ئەھۋال بۇرۇنقىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، كىشىلەر ئەمدى دەرەخ قوۋزىقى كىيىمى كىيىشنى خالاپ كەتمەيدۇ، ئۇپاس دەرىخنىمۇ خالىغانچە كەسكىلى بولمايدۇ. ئىلگىرى ئۇپاس دەرىخى ۋە سىپارى دەرەخلىرى كۆپ ئىدى. لېكىن، كېيىنچە بۇ دەرەخلەر ناھايىتى ئازلاپ كەتتى. 1984- يىل، ئۇپاس دەرىخى دۆلەتلىك3- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈك قاتارىغا كىرگۈزۈلدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇپاس دەرىخىنى كېسىش ھەرىكىتى قانۇن تەرىپىدىن چەكلەندى. ئورمانلىققا كىرىپ دەرەخ قوۋزىقى ئەكېلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئاساسەن يوق دېيەرلىك بولۇپ قالدى. دەرەخ قوۋزىقىدىن رەخت ياساشتەك بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغان خۇاڭ يۈنيىڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ۋاڭ ۋىنچى نۆۋەتتە بۇ تۈرلۈك ھۈنەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋارىسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇ ھازىر باۋتىڭ ناھىيەسىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىر كەنتتە تۇرىدىغان كەنت ئاھالىسىدىن ئۈچەيلەن ئۇنىڭ شاگىرتى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ قەدىمىي ھۈنەرگە ۋارىسلىق قىلماقتا.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى