قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ ئەڭ شىمالىدىكى موخې ناھىيە بازىرى

2018-05-23 18:22:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مو ۋىنۋېنىڭ «شىمالىي قۇتۇپ نۇرى» دىگەن ناخشىسىدا، رىۋايەتتىكى تەڭداشىز نۇر مەنزىرىسى موخېدا دىگەن مىسرا بار. بۇ مىسرادا قۇتۇپ نۇرىنىڭ خىيالى ۋە گۈزەل مەنزىرىسى تولۇق ئىپادىلەنگەن. قۇتۇپ نۇرى تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىلەرنىڭ بىرى. شۇڭا، نۇرغۇن ساياھەت ھەۋەسكارلىرى بۇ يەرگە كېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
رىۋايەت قىلىنىشىچە، خېيلۇڭجياڭ دەرياسى بويىدا بىر جۈپ ياشانغان ئەر- ئايال بىللە تۇرىدىكەن. ئۇلارنىڭ يەتتە قىزى كىيىن ۋاڭمۇ نىياڭنىياڭنىڭ يەتتە كېنىزىكىگە ئايلىنىپ، ھەر يىلى يازدا كۈن- تۈن تەڭلەشكەن كەچلەردە، رەڭدار لىنىتىدەك ئاسماندا كۆرۈنىدىكەن. بۇ دەل قۇتۇپ نۇرى دەپ ئاتالغان ئىكەن. كۆپچىلىك بۇنى كۆرۈپ يەتتە قىز ئاتا- ئانىسىنى يوقلاپ كەپتۇ دېيىشىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن موخې ناھىيەسىدە «كۈن- تۈن توختاش بايرىمى» پەيدا بولغان. بۇ كۈنى بىر كۈندىكى 24 سائەتنىڭ ھەممىسى كۈندۈزدەك بولىدۇ. يېرىم كېچىدە شىمالغا نەزەر سالساق، ئاسمان يورۇق، غەرب تەرىپىدىكى كەچكى شەپەق نۇرى تېخى ئۆچمىگەن، شەرق تەرىپىدە ئەتىگەنلىك بۇلۇتلار پەيدا بولۇپ تاڭ ئاتقاندەك تۇيۇلىدۇ، كىشىلەر سىرتتا شاھمات ۋە توپ ئوينىشىدۇ. ھەر يىلى يازلىق كۈن- تۈن توختاش بايرىمىدا بۇ يەر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ. كىشىلەر بۇ يەرگە كېلىپ بۇ تەبىئيەت مەنزىرىسدىن قانغۇچە ھوزۇلىنىدۇ. كىشىلەر دەريا بويلىرىدا گۈلخان يېقىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، شىمالىي قۇتۇپ نۇرىنىڭ پەيدا بولۇشنى كۈتىدۇ، پۈتۈن كېچە خۇشاللىق ۋە رومانتىك كەيپىياتقا تولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ شىمالىي قۇتۇپ كەنتىدە قۇتۇپ نۇرىنى كۈرۈش ئېھتىماللىقى يوق دېيەرلىك. 1957- يىلى موخېدا مېتېئورولوگىيە پونكىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ، 2004- يىلىغىچە بولغان 48 يىللىق ماتېرىيالنى ئىستاتىستىكا قىلغاندا، بۇنىڭ ئىچىدىكى 16 يىلنىڭ 39 كۈندىلا شىمالىي قۇتۇپ نۇرى بايقالغان. ھەتتا، بەزىلەر چاقچاق قىلىپ، «موخېدا قۇتۇپ نۇرىنى كۆرۈش ئېھتىماللىقى بېيجىڭدا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش نومۇرى چىققان بىلەن ئوخشاش» دېيىشىدۇ.
موخې ناھىيەسىگە بېرىپ قۇتۇپ نۇرىنى كۆرگىلى بولمىسۇ، لېكىن موخېنىڭ بېيجى كەنتى يەنىلا بىر بېرىشڭىزغا ئەرزىيدۇ. بېيجى كەنتىنىڭ ئەسلىي ئىسمى موخې كەنتى بولۇپ، بېيجى يېزىلىق ھۆكۈمەت مۇشۇ كەنتتە بولغاچقا، موخې يېزىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1997- يىلى، موخې يېزلىق خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يەردە «بېيجى كەنتى مەنزىرە ساياھەت رايونى» نى قۇردى، شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇ يەر جۇڭگونىڭ ئەڭ شىمالىدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ قالدى. بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، بېيجى كەنتىنىڭ موخېدىن يەنە 70 كىلومېتىر يىراقلىقىنى بىلىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن بۇ يەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى جاي ئەمەسلىكى، بېيجى كەنتىنىڭ شىمالىي كەڭلىك 53 گىرادۇس 29 مىنۇتقا توغرا كېلىدىغانلىقى، بېيجى كەنتى بىلەن ئارىلىقى 100 كىلومېتىر كېلىدىغان، شىمالىي كەڭلىك 53 گىرادۇس 33 مىنۇتقا توغرا كېلىدىغان بېيخۇڭ كەنتىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى تېخى ئىچىلغان ئىپتىدائىي كەنت ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. لېكىن، بېيجى كەنتىدىن بېيخۇڭ كەنتىگۈچە بولغان يولدا مېڭىش ئانچە ئاسان ئەمەس، ئادەتتىكى ساياھەتچىلەر ناھايىتى ئاز بارىدۇ، بېيخۇڭ كەنتىنىڭ شارائىتى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈىۋېلىشقا ئانچە ماس كەلمەيدۇ. بېيجى كەنتى دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ «شىمالدىكى بىرىنچى قاراۋۇلخانىسى» نىڭ تۇرۇشلۇق جايى. مەنزىرە رايونى ئىچىدە كۆپلىگەن «ئەڭ» لەر بار. مەسىلەن، «ئەڭ شىمالدىكى  ئائىلە»، «ئەڭ شىمالدىكى ئاشخانا»، «ئەڭ شىمالدىكى ماگىزىن»، «ئەڭ شىمالدىكى ھاجەتخانا» دېگەندەك..... . بەزىلەر قىزىقچىلىق قىلىپ ئەگەر شىمال تەرەپنى تاپالمىسىڭىز بېيجى كەنتىگە كېلىڭ، بۇ يەرنىڭ ھەممە يېرىدە «شىمال» بار دېيىشىدۇ.
  بۇ يەردە «شىنجۇ بېيجى» دەپ خەت ئويۇلغان يوغان بىر ئابىدە تاش بولۇپ، ئېگىزلىكى 2.8 مېتىر كېلىدۇ. بۇ تاش خەينەن ئۆلكىسىدكى تىيەنيا خەيجاۋدىكى «نەنتىيەن يىجۇ» دەپ خەت ئويۇلغان چوڭ تاش بىلەن بىلەن ئوخشاش نام چىقارغان. ئۇ بېيجى كەنتىنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك بەلگىسى، شۇنداقلا جۇڭخۇا شىمالىي قۇتۇپىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يەردە يەنە يەتتە يۇلتۇز مەيدانى بار. يەتتە يۇلتۇز مەيدانى بېيجى كەنتىدىكى ئەڭ چوڭ مەيدان بولۇپ، مەيداندا ئاق رەڭلىك قەدىمىي يېزىقتا يېزىلغان «شىمال» دېگەن خەت بەلگىسى بار. مەيدانغا  ئاددىي جۇڭگو خەرىتىسى سىزىلغان بولۇپ، خەرىتىدىن جۇڭگودىكى بارلىق ئۆلكە شەھەرلەرنى كۆرەلەيسىز ھەمدە سىز تۇرۇشلۇق ئۆلكە، شەھەرنىڭ بۇ يەردىن قانچىلىك يىراقلىقتا ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز. جۇڭگو خەرىتىسى خۇددى بىر خورازغا ئوخشايدۇ، موخې بېيجى كەنتىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى، تەبىئىي ھالدا خورازنىڭ «تاجىسىغا» توغرا كېلىدۇ. يەتتە يۇلتۇز مەيدانى يەنى بېيجى مەيدانىنىڭ يېنىدا «تاجىلىق ئالتۇن خوراز» نىڭ ھەيكىلى بار. بۇ يەرگە كېلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى پوچتىخانىدىن بىر تال ئاتكرىتكا ئېلىپ، دوستلىرىڭىزغا دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى كەنتتىن تىلەكلىرىڭىزنى ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.بېيجى كەنتى تارىخى ئۇزۇن قەدىمىي بازار بولۇپلا قالماي، بارا- بارا بىر خىل سىمۋولىغا ئايلاندى. ھەر يىلى نۇرغۇن كىشىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ يەرگە كېلىپ، ئەڭ يورۇق يۇلتۇزنى كۆرىدۇ، قىشتا ئاتلىق چانا ھەيدەيدۇ، يازدا سالقىندايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى