قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا بىرىنىمۇ قالدۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ

2018-05-23 14:25:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇخبىرىمىز جېن شىشىن خەۋىرى، فوتوسى


  نيۇ شىن(سولدىن 3- كىشى) كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.


  يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ قومۇشئېرىق يېزىسى يارقىشلاق كەنتىدىكى 76 ياشلىق ئامىنىخان مويدىن ئائىلە زىيارىتىگە كەلگەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى نيۇ شىنغا مۇنداق دېدى: نەۋرە قىزىم سىزنىڭ ياردىمىڭىزدە داشۆدە ئوقۇش ئارزۇسىغا يەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، ئۇ ناھايىتى ياخشى ئوقۇۋېتىپتۇ. 

 ئامىنىخان كەنتتىكى نامرات ئاھالە بولۇپ، تۆۋەن كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ نەۋرە قىزى ئايزىمگۈلنى يالغۇز بېقىپ كەلگەنىدى. 2017- يىلى ئايزىمگۈل داشۆگە ئۆتتى، ئەمما ئائىلىدە پۇل يوق ئىدى. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان نيۇ شىن كەنت مائارىپ فوندىدىن 5000 يۈەن ئارىيەت ئېلىپ، ئايزىمگۈلنى داشۆگە ماڭدۇردى. نيۇ شىن يەنە مېھىر- شەپقەت يەتكۈزگۈچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئايزىمگۈلگە ھەر ئايدا 300 يۈەن تۇرمۇش پۇلى ھەل قىلىپ بەردى. 

 يارقىشلاق كەنتىنىڭ مائارىپ فوندى 2017- يىلى، داۋالىنىش فوندى 2016- يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، فوندتىكى مەبلەغنى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە كەنت ئاھالىلىرى ئىئانە قىلىپ توپلىغانىدى. بۇ ئىككى فوند قۇرۇلغاندىن كېيىن، كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەر ئارىسىدا ئائىلە قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن پەرزەنتلىرى ئوقۇشتىن قېلىش، كېسەل بولۇپ قالسا ۋاقتىدا داۋالىنالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىدى. 

 يارقىشلاق كەنتىدە 450 ئائىلە بار بولۇپ، ئىككى يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قىلىش ئارقىلىق تېخى نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان ئائىلىدىن 13ى قالدى.  

نيۇ شىن بۇ 13 نامرات ئائىلىدىكى ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى بار يەتتە ئائىلىگە ئىش ئورنى تېپىپ بەردى، باشقا نامرات ئالتە ئائىلىگە ئالاقىدار ئورۇنلارغا بېرىپ نامراتلارنى يۆلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، نەپىقە بېرىش قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بەردى، ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى ئوبوروت قىلىپ ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە، ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام بەردى. 

 2015- يىلى قەشقەر داشۆسىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىنى پۈتكۈزگەن نيۇ شىن يۇرتىغا بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتى بىلەن كەنتكە قايتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا يارقىشلاق كەنتى ئاھالىسىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرۇپ قويماسلىقىمىز كېرەك.


    نيۇ شىن ئامىنىخاندىن نەۋرىسى ئايزىمگۈلنىڭ ئوقۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.


    نيۇ شىن كەنت ئامانەت- قەرز كوپىراتىپىدا كەنت ئاھالىسىنىڭ ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز بېجىرىشىگە ياردەملەشمەكتە.


    نيۇ شىن كەنت ئاھالىسىنىڭ ھويلىنى رەتلەپ، ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەملەشمەكتە.

نيۇ شىن ئەمگەك ئارىلىقىدا، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشمەكتە.


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى  

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى