قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باركۆل ناھىيەسى يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇنى ھەقىقىي بايلىققا ئايلاندۇردى

2018-05-24 13:01:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
باركۆل ناھىيەسى يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يايلاق ئېكولوگىيە ساياھەت رايونى ۋە سۇلۇق يەر مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىپ، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇنى ھەقىقىي بايلىققا ئايلاندۇردى.
مۇخبىر باركۆل ناھىيەسى گاۋجياخۇ سۇلۇق يەر مەنزىرە رايونىنىڭ غەربىدىكى ئېرچۈ سۇ ئامبىرىدا، پات- پات قۇشلارنىڭ ئۇچۇپ ئۆتۈۋاتقانلىقى، سۇلۇق يەر مەنزىرە رايونىدىكى كۆل ۋە قارلىق تاغ مەنزىرىسىنىڭ جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ساياھەتچى ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:- مەن مەخسۇس چېڭدۇدىن كەلدىم. بۇ يەردە قارلىق تاغ، كۆل، ئۆردەكلەر بار ئىكەن. ئوت-چۆپ سۇ بايلىقى مول، بېلىقلارنىڭ تۈرى كۆپ ئىكەن، بەك خۇش بولدۇم.
ئېكولوگىيە مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىپ، تاغ- سۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، گاۋجياخۇ سۇلۇق يەر مەنزىرە رايونى ئېكولوگىيە، بايلىق، كىلىمات، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىدا ئۈزۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، يازدا تۈرلۈك سۇ ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى، قىشتا قار ئۈستىدە موتوسىكىلىت مىنىش، قىشلىق بېلىق تۇتۇش قاتارلىق ھەر خىل قار-مۇز پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يەككە پەسىللىك ساياھەتتىن پۈتۈن پەسىللىك ساياھەتكە ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەتراپتىكى ئاممىنى ئىلگىرىكىدەك دېھقانچىلىقنىڭ ئارسال مەزگىلىدە بىكار يۈرمەي، قار-مۇز بايلىقىنى «ئالتۇن-كۈمۈشكە» ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلىدى. مەنزىرە رايونى ئەتراپىدا دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى ئاچىدىغان دېھقان فېڭ گوچىڭ مۇنداق دېدى:- بۇلتۇر 60-70 مىڭ يۈەن پۇل تاپتىم. بۇ يىل بۇ پۇلغا يەنە باشقا ئەسلىھەلەرنى سېتىۋالىمەن. بۇ يەردە يېمەك- ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى بار. بۇ يىل خېرىدارىمنى تېخىمۇ كۆپەيتىشكە تىرىشىمەن.
پارتىيە18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باركۆل ناھىيەسى ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئۇنۋېرسال تۈزەش، ئېكولوگىيەلىك يېزا- بازار مۇھىتى بەرپا قىلىش، شەھەر- يېزا مۇھىتىنى ئۇنۋېرسال تۈزەش، زاۋۇت، كان، كارخانىلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، تەبىئىي ئورماننى قوغداش، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، تېرىقچىلىقتىن بوشىتىپ ئورمان بىنا قىلىش، سۇلۇق يەرنى قوغداش قاتارلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، مىڭ مودىن ئارتۇق ئورمان بىنا قىلىپ، 8مىڭ مو يەرنى تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇردى. ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ چاڭجاجۇڭزا ساياھەت مەنزىرە رايونى، باركۆل كۆلى ئېكولوگىيەلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، گاۋجياخۇ ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق ئېكولوگىيە مەنزىرە رايونلىرىنى قۇرۇپ، مىللىي ئۆرپ- ئادەت ساياھىتى، يېزا- كەنت ساياھىتى، ساغلاملىق ساياھىتى، سۇلۇق يەر ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر يىلى مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى ساياھەتچىنى گۈزەل مەنزىرىدىن بەھرىمەن بولۇشقا جەلپ قىلدى. باركۆل ناھىيەسى كۆلياقا يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى خەن جىچاڭ مۇنداق دېدى:- باش شۇجى شى جىنپىڭ «يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ ئەڭ زور بايلىق» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.بىز باركۆل كۆلى مەنزىرە رايونىنى بەرپا قىلىش جەريانىدا، يەرلىكنىڭ تەبىئىي مۇھىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداپ، ئېكولوگىيەنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. مۇھىت ئاسراش خىزمىتى ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ساياھەتچىلەرگە ئازادە، پاكىز، بىخەتەر، رەتلىك بولغان ساياھەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىمىز.
تەرجىمان: نازىم 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى