قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىنقىلاب دولقۇنىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن- ۋېي يېچۇۋ

2018-05-24 13:16:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋېي يېچۇۋ 1898- يىلى 3- ئايدا شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىڭپىڭدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1919- يىلى 4- ماي ھەرىكىتىگە قاتناشقان. چېن دۇشيۇ، لى داجاۋ قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە ماركسىزم- لېنىنىزمنى ئۆگىنىشكە باشلىغان.
1920- يىلى ۋېي يېچۇۋ بېيجىڭدىكى شەنشىلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىگە قاتناشقان ھەم «چىن جۇڭ» ئايلىق ژۇرنىلىنى نەشىر قىلىپ، «شەنشىلىكلەرنى ئويغىنىشقا چاقىرغان». شۇ يىلى قىشتا، ۋېي يېچۇۋ جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن.
1923- يىلنىڭ بېشىدا، لى داجاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ۋېي يېچۇۋ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. شۇ يىلى ئەتىيازدا تەكلىپكە بىنائەن يۈلىنگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، ياش ئوقۇغۇچىلارغا كەڭ كۆلەمدە ئىنقىلابىي تەشۋىقات ئېلىپ بارغان.
1924- يىلى يازدا، ۋېي يېچۇۋ شىئەن شەھىرىدە تۇنجى ياشلار ئىتتىپاق ياچېيكىسى قۇرۇشقا قاتناشقان. بۇ مەزگىلدە ئۇ «شىئەن ئوبزورى»نى نەشىر قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى شەنشىدە ئىنقىلابىي ئىدىيەنى تەشۋىق قىلىپ، ئىنقىلابىي ھەرىكەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم بازىغا ئايلاندۇرۇپ، شەنشىدىكى «ئىنقىلابىي جامائەت پىكرىنىڭ بىردىنبىر يېتەكچىسى» دەپ تەرىپلەنگەن.
 1927- يىلى 7- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شەنشى- گەنسۇ رايونلۇق كومىتېتى شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومغا ئۆزگەرتىلىپ، ۋېي يېچۇۋ شەنشى ئۆلكىلىك ھەربىي كومىتېتنىڭ شۇجىسى بولغان. بۇ چاغدا، گومىنداڭ ھەر قايسى جايلاردا ۋېي يېچۇۋنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. ئۇنىڭ شەنشىدە پۇت تىرەپ تۇرۇشى مۈشكۈل بولغانلىقتىن، ئۆلكىلىك پارتكوم ئۇنىڭ ياڭ خۇچېڭنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، خېنەندە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا قوشۇلغان.
1928- يىلى 1- ئايدا، جياڭ جيېشى ئادەم ئەۋەتىپ ياڭ خۇچېڭغا تەھدىت سېلىپ، ۋېي يېچۇۋ قاتارلىق كومپارتىيە ئەزالىرىنى قولغا ئېلىشقا مەجبۇرلىغاندا، ياڭ خۇچېڭ رەت قىلغان. 2- ئاينىڭ 9- كۈنى ۋېي يېچۇۋ كېچىلەپ 70 نەچچە پارتىيەلىك كادىرنى چاقىرىپ يىغىن ئاچقان. يىغىندا شىمالىي ئەنخۇيدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، خېنەن- ئەنخۇي تايانچ بازىسى قۇرۇش قاتارلىق قارارلار ماقۇللىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىمالىي ئەنخۇي ۋاقىتلىق ئالاھىدە كومىتېتى قۇرۇش قارار قىلىنىپ، ۋېي يېچۇۋ شۇجى بولغان.
4- ئاينىڭ 8- كۈنى كەچتە، خائىننىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇشى تۈپەيلىدىن، فۇياڭ قوزغىلىڭى مۇددەتتىن بۇرۇن باشلانغان. دۈشمەن يالغاندىن سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، ۋېي يېچۇۋ قاتارلىق كىشىلەرنى تۇتۇۋالغان. 4- ئاينىڭ 10- كۈنى سەھەردە ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەن ۋېي يېچۇۋنى قەتلى قىلغان.  تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى