قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك تارماق شىركىتى پوسۇلكا تېز يەتكۈزۈش بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس باشقۇرغۇچىسى ما جيەنشىن

2018-05-24 13:51:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
بىر پوچتالىيون بولۇش سۈپىتى بىلەن خىزمەت قىلغان 21 يىل جەريانىدا، ئۇنىڭ يەتكۈزۈش مۇساپىسى 100 مىڭ كىلومېتىردىن، يەتكۈزگەن ھەر خىل پوچتا يوللانمىلىرى 2 مىليوندىن ئېشىپ، ئەرز- شىكايەت بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى ھەم نۇرغۇن تەقدىرلەش خېتىگە ئېرىشتى. بۇ يىللاردا، ئۇ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مەملىكەتلىك «1-ماي» ئەمگەك مېدالى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى. ئۇ جۇڭگو پوچتا گۇروھى شىركىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تارماق شىركىتى پوسۇلكا تېز يەتكۈزۈش بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس باشقۇرغۇچىسى ما جيەنشىن.
1997- يىلى ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان ما جيەنشىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا ئىدارىسى يوللانما يەتكۈزۈش 1- شۆبە ئىدارىسى يىنچۈەن يولى يوللانما يەتكۈزۈش گۇرۇپپىسىغا تەقسىم قىلىندى. خىزمەتكە قاتنىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، بىر كىشى ئۇنىڭدىن پوچتا كەسپىگە ئالاقىدار ئىشلارنى سورىغاندا، ما جيەنشىن دۇدۇقلاپ جاۋاب بېرەلمەي قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:- شۇ چاغدا بەك خىجىل بولدۇم، ئاساسىي پوچتا كەسپىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىدىم، بىر پوچتالىيون بۇنداق بولسا بولمايدۇ.
 شۇنىڭدىن كېيىن ما جيەنشىن يېنىدا بىر خاتىرە ئېلىپ يۈرۈپ، خەلققە قولاي پوچتا كەسپى، ئەستە تۇتۇش قىيىن بولغان كوچىلار، ئىشىك نومۇرلىرىنى خاتىرىلەپ، يوللانمىلارنى ۋاقتىدا يەتكۈزدى. 21 يىلدا، ما جيەنشىن ئەزەلدىن ھاۋارايى سەۋەبىدىن يوللانمىنى كېچىكتۈرۈپ باقمىدى. قار- يامغۇرلۇق كۈنلەردە ئۇ يوللانمىنى سۇلياۋ رەختكە ئورىدى. ئۇنىڭدىن سۇ ئۆتۈپ كەتسە، چاپىنىنى سېلىپ يوللانمىلارنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويدى. ئادەمنىڭ ئەجرى يەردە قالمايدۇ. ما جيەنشىننىڭ قىزغىن مۇلازىمىتى، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان خىزمەت پوزىتسىيەسى ئابۇنىچىلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ما جيەنشىن مۇنداق دېدى:- بىر يىلى بالنىتسىدا يېتىپ قالسام، بەزى ئابۇنىچىلار ئاڭلاپ ئالايىتەن يوقلاپ كەپتۇ. دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئىشقا چۈشكەندە، خەت ساندۇقىغا سېلىپ قويغان تۇخۇم، مېۋە- چېۋىلەرنى كۆرۈپ بەك تەسىرلەندىم. بۇ خىزمەتنى قىزغىن سۆيمەسلىككە، ئەستايىدىل مۇلازىمەت قىلماسلىققا يەنە قانداق باھانەم بولسۇن؟
ھەر قېتىم پوسۇلكا، خەت-چەكلەرنى ئابۇنىچىلارنىڭ قولىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى كۈلكىنى كۆرۈپ، مىننەتدارلىق سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، ما جيەنشىننىڭ پوچتالىيون بولۇشتىكى بۇرچ تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى:- مېنىڭچە، ئادەم بىر ئۆمۈر بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك. پوچتا كەسپىدە ئىشلىگەن بۇ 20 نەچچە يىلدا، قانچىلىغان قار- يامغۇرلۇق كېچىلەرنى ئۆتكۈزگىنىم ئېسىمدە يوق. لېكىن، ئۈرۈمچىنىڭ ھەر بىر چوڭ- كىچىك كوچىلىرىنى، بۇ خىزمەتتىن ئېرىشكەن بەخت ۋە ئىللىقلىقنى ئۇنتۇپ قالمايمەن.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى