قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، ئۆزگىرىش ئارقىلىق بەخت ياراتماقتا

2018-05-24 18:49:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇلتۇردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى مۇھىم قۇرۇلۇش قىلىپ، شەھەر رايونىنىڭ كونا قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈردى.
ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ما جىنشيا ئەسلىدە ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى مىڭخۇا كوچىسى تەۋەلىك رايونىدا ئۆزى سالغان ئۆيدە ئولتۇراتتى. بۇلتۇر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى مىڭخۇا كوچىسى تەۋەلىك رايونىدىكى ئاھالىلەرگە نەپ يەتكۈزدى. ما جىنشيا ئائىلىسى تۆلەم پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى تۇرالغۇسىنىڭ ئەتراپىدىكى ئولتۇراق رايوندىن بىر يۈرۈش تاۋار ئۆي سېتىۋېلىپ، يامغۇر ياغسا ياكى قار ئېرىگەندە ئۆيىدىن سۇ ئۈتۈپ كىتىدىغان، قىشتا ئىسسىنىش قولايسىز كونا ئۆي بىلەن ئۈزۈل- كېسىل خوشلاشتى. ما جىنشيا مۇنداق دېدى: بىز كېلىشىم تۈزۈپلا ئۆي سېتىۋېلىپ كۆچۈپ كەلدۇق. كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى شەھىرىمىزنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ، پۇقرالارنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.
بۇلتۇر 4- ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى ھەمدە ئورۇنلاشتۇرۇش- تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلدى. پۇل بىرىش ۋە باشقا جايدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندىن باشقا، يەنە بىر قىسىم سېتىلماي قالغان تاۋار ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللاندى. بۇلتۇردىن بۇ يىلغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەخمىنەن 170 مىڭ ئامما ما جىنشىياغا ئوخشاش ئەسلىدىكى كونا ئۆيلىرىدىن كۆچتى.
  بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، 20 مىليون كۇۋادرات مېتىر دائىرىدىكى تۈرلۈك قۇرۇلۇشنى چاقىدۇ ھەمدە شەھەر فۇنكسىيەسىگە ئاساسەن، مائارىپ، داۋالاش، سەھىيە قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە ئاساسىي يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، پەقەت سايباغ رايونىلا كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بويىچە 14 تۈرلۈك قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويىدۇ. بۇ ئاساسلىقى تەۋەلىك رايونىدىكى ئون يولدا شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش، يېڭىدىن باغچا كۆپەيىتىش، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سايباغ رايونى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش ئىشخانىسى پىلان قۇرۇلۇشى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سوڭ لېي مۇنداق دېدى: بۇ يىل سايباغ رايونى ئېلىپ بارىدىغان كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى لومەنچېڭ كوچىسى تەۋەلىك رايونى، شىنجاڭ داشۆ شىمالىي مەكتەپ رايونى تەۋەلىك رايونى، ساڭفاڭگۇ تەۋەلىك رايونى قاتارلىق 10 تەۋەلىك رايونىغا چېتىلىدۇ. تۈر قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن كونا شەھەر رايوننىڭ ھازىرقى قىياپىتى ئۆزگەرتىلىپ، مۇھىت ياخشىلىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرى ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىسىغا تېخىمۇ ياخشى تۇرالغۇ ۋە تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، بۇلتۇر 4- ئايدا كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. قىسقىغىنە توققۇز ئايدا 171 مىڭ 578 ئاھالىنىڭ ئۆيىنى ئېلىشنى تاماملاپ، نۇقتىلىق ئۆزگەرتىلىدىغان 29 تەۋەلىك رايونىنىڭ ئۆيلەرنى ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، ياخشى نەتىجە ياراتتى. ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەسىراتى ئەڭ چوقۇر دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: ھۆكۈمەت قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، مۇشۇنداق چوڭ قۇرۇلۇشنى يولغا قۇيۇپ، بىزنى چىرايلىق ئۆيلەردە ئولتۇرۇش ئىمكانىيەتىگە ئىگە قىلدى. بۇنىڭدىن ھەممىمىز خوش.
ئۈرۈمچى شەھىرى كەلگۈسى ئىككى يىلدا، تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۈرۈشلەشكەن شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش، كونا مەھەلىلەر ۋە شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئالاھىدىلىككە ئىگە كوچىلارنى بەرپا قىلىش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان مۇھىت مەنزىرىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق بىر قانچە تەرەپتىن تىرىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ روشەن، قاتنىشى تېخىمۇ راۋان، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى تېخىمۇ مۇكەممەل، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان شەھەر رايونى قىلىپ ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شيې مىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 3- ئايدىن بۇرۇن كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا كۆچۈرۈش- چېقىش ئاساس قىلىندى. 310 مىڭ نوپۇس كۆچۈرۈلدى. بۇنىڭ كۆلىمى 27 مىليون كوۋادرات مېتىرغا يەتتى. بىز كىلەر يىلى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈنلەي تاماملايمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى