قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مۈشۈكئېيىق ئۇسسۇلى

2018-05-24 19:26:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بېشىغا گەج شەكلىدىكى مۈشۈكئېيىق شەكىللىك قالپاق كىيگەن، ئۇچىسىغا ئۆچكە تېرىسىدا تىكىلگەن مۈشۈك ئېيىق تېرىسىنى ئارتقان، قوتاز قۇيرۇقىنى مۈشۈكئېيىقنىڭ قۇيرۇقى قىلغان ئىككى «مۈشۈكئېيىق» سەھنىگە چىقىپ، ھېلى زوڭزىيىپ، ھېلى ئىڭىشىپ، ھېلى ئۆمىلەپ، ھېلى دۇمىلاپ ياكى دەرەخكە يامىشىپ دېگەندەك ھەر خىل ھەركەتلەرنى چىقىرىپ ئويۇن قويۇۋاتاتتى. سەھنىدە ئويۇن قويۇۋاتقان ئىككەيلەن 44 ياشلىق مۈشۈكئېيىق ئۇسسۇلى ۋارىسى ماۋ يۈنئەن بىلەن ئۇنىڭ شاگىرتى ئىدى.
مۈشۈكئېيىق ئۇسسۇلى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 100 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇ ئۇسسۇل-- جيۇزەيگودا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئۇيۇن تىپىدىكى تۈرلەرنىڭ بىرى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭدا بەزى ئۈزۈكچىلىكلەر كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئۇسسۇلنى ئوينىيالايدىغانلارنىڭ سانى ئونغا يەتمەيدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە سەكرەش ھەركىتىنى قىلالايدىغانلاردىن پەقەت تۆتىلا بار.
100 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان مۈشۈكئېيىق ئۇسسۇلى- جيۇزەيگو ناھىيەسىنىڭ بەيما زاڭزۇ يېزىسىدا بارلىققا كەلگەن. ھەر يىلى چاغاننىڭ 15-، 16- كۈنى، جيۇزەيگو ناھىيەسىنىڭ ساۋدى يېزىسى ساۋدى كەنتىدىكى بەيما زاڭزۇ خەلقى ئىچىدىن بىر نەچچىسى مۈشۈكئېيىق نىقابىنى تاقاپ ئۇسسۇل ئويناپ، تەنتەنە قىلىشىدۇ. بۇ خىل ئۆزگىچە ئۇسسۇل ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن.
2014- يىلى 11- ئايدا، مۈشۈكئېيىق ئۇسسۇلى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن 4- تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. زاڭزۇ مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ۋاڭ ۋاڭ مۇنداق دەپ تونۇشتۇردى: مۈشۈكئېيىق ئۇسسۇلى يەڭگىل ئوينىلىدىغان ئۇسسۇل بولۇپ، ناغرا، جاڭ تەڭكەش قىلىنىدۇ. ئاساسىي رىتىمى ئىككى ئۇدار شەكلىدە بولىدۇ. ئۇسسۇل مۈشۈكئېيىق ھەركىتىگە تەقلىد قىلىش ئاساسىدا، ئادەملەشتۈرۈلگەن مۇبالىغىلەشتۈرۈش شەكلىدە ئوينىلىدۇ. كىشىگە سەبىي ۋە ئوماق، ئىنتايىن قىزىقارلىق تەسىر بېرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەڭ ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە ئۇسسۇللاردىن «مۈشۈكئېيىقنىڭ بامبۇك يېيىشى»، «مۈشۈكئېيىقنىڭ سۇ ئىچىشى»، «مۈشۈكئېيىقنىڭ دەرەخكە يامىشىشى»، «مۈشۈكئېيىقنىڭ ئۇۋىسى»، «مۈشۈكئېيىقنىڭ خۇشاللىقى» قاتارلىقلار بار. ئويۇن قوش كىشىلىك ئۇسسۇلنى ئاساس قىلىدۇ، يەنە ئۇسسۇلچى سەھنىدىكى ئىلھامىغا ئاساسەن بەزى مەزمۇنلارنى قوشسىمۇ بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل يەنە ئەتراپتىكى تاماشىبىنلارنى كۈلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئۇسۇلغا تارتىپ ئوينىلىدىغان بولۇپ، قويۇق تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە.
مۈشۈكئېيىق ئۇسسۇلى ئوينىغاندا كىيىدىغان نىقابنىڭ شەكلى ھايۋاننىڭ باش شەكلى بولۇپ، نىقابقا تەپسىلىي قارىغاندا، شەكلى مۈشۈكئېيىقنىڭ باش شەكلىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ، بەلكى ئېيىقنىڭ باش شەكلىگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆرۈنۈشى ناھايىتى سەت ۋە قورقۇنۇچلۇق بولۇپ، بۇ مىياۋزۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ھايۋاناتلارغا ئېتىقاد قىلىپ، ھايۋانلارنى تۇتىم قىلغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
بىرىنچى، ئىككىنچى ئەۋلاد مۈشۈكئېيىق ئۇسسۇلچىلىرىنىڭ بەزىلىرى ئالەمدىن ئۆتۈپ، بەزىلىرى ياشىنىپ قالغانلىقتىن، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، پەقەت تۆتلا ئادەم بۇ ئۇسۇلنى ئوينىيالايدۇ. 44 ياشلىق ماۋ يۈنئەن تۆتىنچى ئەۋلات مۈشۈكئېيىق ئۇسسۇلى ۋارىسى. شۇنداقلا، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسى. ماۋ يۈنئەننىڭ تېخى ئېسىدە، ئۇ يەتتە 8 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا، تاغىسى ياڭ جىنباۋدىن مۈشۈكئېيىق ئۇسسۇلى ئۆگەنگەن ئىدى. ئەسلىدە، ئۆرپ- ئادەت بويىچە، ئۇنىڭ يېشى 15 ياشقا توشقاندىن كېيىن ئاندىن مۈشۈكئېيىق نىقابىنى تاقاپ، كەنتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان رەسمىي پائالىيەتكە قاتنىشىشقا رۇخسەت قىلىناتتى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب «نىقاب بەك ئېغىر ئىدى».
ماۋ يۈنئەن تونۇشتۇرۇشىچە، مۈشۈك ئېيىق ئۇسسۇلى زوڭزىيىپ ياكى يېرىم زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئوينىلىدىكەن. ئۇنىڭ قەدەم ئېلىش ھەركىتى ئادەتتىكى ئۇسۇلغا ئوخشىمايدىكەن. قەدىمقىلەر ئەينەنلىكنى قوغلىشىپ، ئۇسۇلغا ئىشلىتىلىدىغان بىر يۈرۈش سەھنە كىيىملىرىنى ناھايىتى نەپىس تەييارلىغان. يۇمشاق، تۈكلۈك كىيىم ئاق ئۆچكە تېرىسىدىن ياسىلىدىكەن، قالپاقنىڭ شەكلى گەج بىلەن قاتۇرۇپ شەكلى چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۈستىگە ئاق- قارا ئارلىقىدىكى تۈكلەر چاپلىنىدىكەن. مۈشۈكئېيىقنىڭ شەكلىگە بىردىنبىر ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇسسۇلچى قوتاز قۇيرۇقىنى مۈشۈكئېيىقنىڭ قۇيرۇقى ئورنىدا ئىشلىتىپ، مۈشۈكئېيىق ئوبرازىغا جانلىق تۈس كىرگۈزىدىكەن. جابدۇقلارمۇ  ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ياسىلىدىغان بولۇپ،كىيىم- كېچەك بىلەن جابدۇقلارنىڭ ئېغىرلىقى قوشۇلۇپ 15 كىلوگىرامدىن ئاشىدىكەن. مۈشۈكئېيىق ئۇسسۇلى ئۇسۇلچىدىن كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئۇسسۇل بولۇپ، ئۇسسۇلچىلارنىڭ ھەممىسى ھەر قېتىم نومۇر ئورۇنلىغاندا قارا تەرگە چۆمۈپ كېتىدىكەن. بولۇپمۇ يازدا تېخىمۇ شۇنداق بولىدىكەن. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ماۋ يۈنئەننىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭدىمۇ «ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق» بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىمۇ 60 كىلوگىرامدىن 45 كىلوگىرامغا چۈشۈپ قالغان.
 ماۋ يۈنئەننى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، نۆۋەتتە بۇ ئۇسسۇلنىڭ ئورنى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. مۈشۈكئېيىق ئۇسسۇلى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن 4- تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش شارائىتىغا ئېرىشىشىدىن ئۈمىد زور. ئىلگىرى ئۇلار پەقەت مەھەللىدە ئويۇن قوياتتى. كېيىن ئۇلار جيۇزەيگو مەنزىرە رايۇنىغا بېرىپ، ئويۇن قويىدىغان بولدى. ماۋ يۈنئەن: «پۈتۈن دۇنيادىكى ساياھەتچىلەرگە جيۇزەيگو مۈشۈك ئېيىق ئۇسسۇلىنى كۆرسىتەلىسەك، قانچە جاپا تارتىدىغان ئىش بولسىمۇ، بىز يەنىلا خۇشال بولاتتۇق» دېدى . جيۇزەيگو ناھىيەسىنىڭ ساۋدى يېزىسى ساۋدى كەنتىدە 600 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان مۈشۈكئېيىق ئۇسسۇلى ئۆگىتىش مەيدانى تەسىس قىلدى. ماۋ يۈنئەن بۇ جايدا قەرەللىك تۈردە مۈشۈكئېيىق ئۇسسۇلى ئۆگىتىدۇ. بۇلاردىن باشقا، يەرلىك مەدەنىيەت تارماقلىرى مۈشۈكئېيىق ئۇسسۇلىنى مەكتەپلەردە ئومۇملاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق شۇ جايدىكى بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپلا ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇش، مۈشۈكئېيىق ئۇسسۇلىغا تېخىمۇ كۆپ ياش ئىز باسارلارنى تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى